يەشايا 34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىمانسىز خەلقلەرنىڭ جازالىنىشى 1 ئەي خەلقلەر، يېقىنراق كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئادەملەر، دىققەت قىلىڭلار! زېمىن ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل خەلق ئاڭلىسۇن. پۈتكۈل جاھان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىق ئاڭلىسۇن. 2 پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى، ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. 3 ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سېسىپ كېتىدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ. 4 ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئاسمان يۆگىلىپ قالىدۇ. خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشكەندەك، دەرەختىكى ئەنجۈر يەرگە چۈشكەندەك، يۇلتۇزلار چۈشۈپ كېتىدۇ. 5 پەرۋەردىگار: «مېنىڭ قىلىچىم ئاسماندىكى سوراقنى تۈگىتىپ، ئاندىن، مەن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدومغا چۈشىدۇ» دېدى. 6 پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى خۇددى قوزا، ئۆچكە ۋە قوچقارنى قۇربانلىق قىلغاندەك، قان ۋە گۆشكە مېلىنىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار بوزرا شەھىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ، ئىدومدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، 7 ياۋا كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ، موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ، تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ. 8 پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈننى بېكىتتى، بۇ سىئون تېغى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام. 9 ئىدومنىڭ ئېقىنلىرى قارا مايغا تولىدۇ، ئۇنىڭ تۇپرىقى كۆيۈۋاتقان قوقاسقا، ئۇنىڭ زېمىنى يالقۇنلاۋاتقان قارا مايغا ئايلىنىدۇ. 10 كېچە-كۈندۈز توختىماي كۆيىدۇ. ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىسلار ئۈزۈلمەيدۇ. ئىدوم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە قاقاسلىق بولىدۇ. ئۇ يەرگە ھېچكىم قايتا قەدەم باسمايدۇ. 11 چۆل قۇشلىرى ۋە كىرپىلەر ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ. قاغا-قۇزغۇنلار ئۇ يەرلەرنى ماكان قىلىدۇ. پەرۋەردىگار تانا تارتىپ ئۆلچەپ، ئۇ يەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. 12 بۇ يەرگە پادىشاھلىق قىلغۇدەك بىرەر ئېسىلزادە ئادەم چىقمايدۇ، ئۇ يەرنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ. 13 ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ. قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە مۆشۈكياپىلاقلارنىڭ ماكانى بولىدۇ. 14 بۇ يەردە چۆل ھايۋانلىرى، ۋەھشىي ياۋايى ئىتلار تېنىشىپ يۈرىدۇ، ياۋا ئۆچكىلەر خارابىلىكتە مەرەپ يۈرۈشىدۇ، تۈن قۇشلىرى بۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ. 15 مۈشۈكياپىلاقلار ئۇۋىلاپ، تۇخۇملايدۇ. ئۇ تۇخۇملاپ بالىلىرىنى چىقىرىدۇ. تاپ يېگۈچى قۇشلار جۈپ-جۈپى بىلەن بۇ يەرگە كېلىدۇ. 16 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان يازمىلارغا قاراڭلار! ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ بارلىقى بۇ يەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۈپ-جۈپى بىلەن كېلىدۇ. ئۇ بۇيرۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ. 17 پەرۋەردىگار زېمىننى ئاشۇلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك ئىگىلەيدۇ، ئۇلار بۇ يەردە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ياشايدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti