Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئاسسۇرىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1 ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.

2 ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن! بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز. ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن. بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن.

3 يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ. سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!

4 چېكەتكىلەر زىرائەتلەرنى يەۋەتكەندەك، يات خەلقلەرنىڭ يىغىۋالغان ئولجىلىرىمۇ يوق بولىدۇ. خەلق چېكەتكىلەر يىغىلغاندەك يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.

5 پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.

6 ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر. پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر.

7 بىلىڭلار، سىلەرنىڭ باتۇر لەشكەرلىرىڭلار كوچىلاردا ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ. تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىڭلار قاتتىق يىغلايدۇ.

8 يوللار تىمتاسلىقتا قالىدۇ، كىشىلەر سەپەر قىلمايدىغان بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى توختاملار بۇزۇلىدۇ، گۇۋاھچىلار كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان بولىدۇ.

9 زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

10 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئەمدى مەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن. ئەمدى مەن ئۇلۇغلىنىمەن.

11 ئەي ئاسسۇرلار، سىلەرنىڭ بارلىق پىلانلىرىڭلار خۇددى قۇرۇق پاخالغا، قىلغان ئىشلىرىڭلار ھېچقانداق قىممىتى يوق سامانغا ئوخشايدۇ. سىلەرنىڭ نەپىسىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

12 خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك، خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.

13 مەيلى سىلەر يىراقتا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ياكى يېقىندا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ھەممىڭلار مېنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىمنى ئاڭلاڭلار! مېنىڭ غايەت قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار.»

14 سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»

15 توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ. مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار، سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار، رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،

16 مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.

17 سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن بىر شۆھرەتلىك پادىشاھنى كۆرىسىلەر. سىلەر بىپايان كەتكەن زېمىننى كۆرىسىلەر.

18 سىلەر بۇرۇنقى قورقۇنچلۇق چاغلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيسىلەر: «دۈشمەننىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى قېنى؟ ئولجىلارنى تىزىملىغۇچىلار قېنى؟ مۇنارلىرىمىزنى سانىغانلار قېنى؟»

19 سىلەر ئەمدى، تىلىنى بىلمەيدىغان، يات تىلدا سۆزلىشىدىغان تەكەببۇر كىشىلەرنى كۆرمەيسىلەر.

20 سىئون تېغىغا قاراڭلار! ھېيتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شەھىرىمىزگە قاراڭلار. سىلەر يېرۇسالېمنىڭ خاتىرجەم يەرگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۆتكىگىلى بولمايدىغان چېدىردەك مەزمۇت ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. ئۇنىڭ قوزۇقلىرىنى سۇغۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئارغامچىلىرىنى ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ.

21 پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ. ئۇ دۈشمەن ئۆتەلمەيدىغان قوغدىغۇچى دەريا بولىدۇ، ئۇنىڭدا دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۈزەلمەيدۇ.

22 پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.

23 ھازىر سىلەرنىڭ ئارغامچىلىرىڭلار يېشىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، كېمەڭلارنىڭ يەلكەن خادىسى مۇستەھكەم بولمىسىمۇ، يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر، ھەتتا ئاقساق-چۇلاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ.

24 يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرىدىن ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى «مەن كېسەل» دېمەيدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan