يەشايا 32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئادالەتلىك پادىشاھ 1 قاراڭلار! كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ. 2 ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ. 3 شۇنىڭدىن باشلاپ كۆزلەر كۆرىدىغان بولىدۇ، قۇلاقلار ئوچۇق ئاڭلايدىغان بولىدۇ. 4 ئالدىراقسانلار چۈشىنىشكە باشلايدۇ، كېكەچلەر راۋان ۋە ئوچۇق سۆزلەيدىغان بولىدۇ. 5 ئەخمەقلەر «ئالىيجاناب» دەپ ئىززەتلەنمەيدىغان بولىدۇ. مەككارلار ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولالمايدۇ. 6 ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ، ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ. 7 مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر. يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. 8 ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ. جازالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش 9 كېلىڭلار، ئەي غەمدىن خالىي ئاياللار، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. تۇرمۇشى خاتىرجەم خېنىملار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 10 غەمسىز يۈرۈۋاتقان سىلەرگە بىر يىلدىن كېيىن قورقۇنچ كېلىدۇ. ئۈزۈم تەكلىرىدىن ھوسۇل چىقمايدۇ، باشقا مېۋىلەردىنمۇ ھوسۇل ئالالمايسىلەر. 11 قورقۇنچتىن تىترەڭلار غەمسىز خېنىملار، ۋەھىمىدىن شۈركىنىپ كېتىڭلار خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلار. ئېسىل كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۈستۈڭلەرگە ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇرۇڭلار! 12 بۇرۇن باياشات بولغان ئېتىزلار ۋە مول ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈكلەر ئۈچۈن مەيدەڭلەرگە ئۇرۇپ يىغلاڭلار. 13 سىلەرنىڭ ئېتىزلىرىڭلارنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ. سىلەرنىڭ شاد-خۇرام ئائىلەڭلار ۋە كۆڭۈللۈك شەھىرىڭلار يوق بولىدۇ. 14 ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ. شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ. قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەر ياۋا ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ. 15 بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ. 16 ھەققانىيەت مۇنبەت زېمىندا ھۆكۈم سۈرىدۇ، ھەتتا چۆللۈكتىمۇ ئادالەت ماكانلىشىدۇ. 17 ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ، ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ. 18 مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ، بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ. 19 مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن، 20 سىلەرگە يەنىلا بەخت ھەمراھ بولىدۇ. ئېرىق بويلىرىغا ئۇرۇق چاچىسىلەر، كالا ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئەركىن ئوتلاشقا قويۇپ بېرىسىلەر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti