يەشايا 31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ يېرۇسالېمنى قوغدىشى 1 مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى. 2 پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن دانادۇر ۋە يەنە بالا-قازا ئېلىپ كېلەلىگۈچىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدۇ. ئۇ رەزىللىك قىلغۇچىلارغا، ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە قارشى ئاتلىنىدۇ. 3 مىسىرلىقلار ئىنساندۇر، ئىلاھ ئەمەس! ئۇلارنىڭ ئاتلىرى پەقەت گۆشتۇر، روھ ئەمەس! پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەندە، ياردەم بەرگۈچىلەر يىقىلىدۇ، ياردەم سورىغانلارمۇ تۈگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، تۈگەيدۇ. 4 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «شىرلار ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئولجىنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ. شىر ئۆزىنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان قويچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈرەن سېلىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىغا چۈشۈپ، ئۇرۇش قىلىمەن. 5 خۇددى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇۋىسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قوغدايمەن، شەھەرنى قوغداپ، قۇتقۇزىمەن، يېرۇسالېمنى پاناھىمغا ئېلىپ، قۇتۇلدۇرىمەن.» 6 ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار! 7 شۇندىلا، ھەممىڭلار گۇناھقا پاتقان قولۇڭلار بىلەن كۈمۈش ۋە ئالتۇندىن ياسىغان بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىسىلەر. 8 «ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ. 9 ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر لەشكەرلىرىمۇ قورقۇنچتىن تىترەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇرۇش تۇغىنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىدۇ.» مانا بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى سىئون تېغىدا لاۋىلدىسا، ھالاكەت ئوتى يېرۇسالېمدىدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti