Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ جازالىنىشى

1 قاراڭلار، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى،

2 باتۇرلار ۋە لەشكەرلەرنى، پەيغەمبەر ۋە سوتچىلارنى، پالچى ۋە ئاقساقاللارنى،

3 ئەللىكبېشى ۋە ئابرۇيلۇقلارنى، مەسلىھەتچىلەر، ماھىر ھۈنەرۋەن ۋە ئەپسۇنچىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ.

4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆسمۈر بالىلارنى ھۆكۈمران قىلىمەن، كىچىك بالىلار خەلقىمنى باشقۇرىدۇ.

5 خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ، ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ. ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ، پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.»

6 بىرى، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئاكىسىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا: «سېنىڭ چاپىنىڭ بار ئىكەن، سەن بىزگە باشلىق بولغىن، بۇ خارابىلىكنى باشقۇرغىن» دەيدۇ.

7 بۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ۋارقىراپ تۇرۇپ: «مەن ياراڭلارنى ساقايتالمايمەن، ئۆيۈمدە نە نان، نە چاپان يوق. مېنى خەلققە باشلىق قىلماڭلار!» دەيدۇ.

8 يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ، يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ! چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.

9 يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.

10 ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.

11 رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.

12 بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ، ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.

13 پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى، ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى.

14-15 ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى سوراققا تارتىپ: «سىلەر ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدىڭلار، يوقسۇللارنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆيۈڭلارنى تولدۇردۇڭلار. سىلەرنىڭ خەلقىمگە بېسىم ئىشلىتىدىغان، يوقسۇللارنى ئېزىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ.


يېرۇسالېم ئاياللىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش

16 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇششاق قەدەم تاشلاپ، پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى شاراقشىتىپ مېڭىشىدۇ.

17 شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قىلىپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.»

18 ئۇ كۈن كەلگەندە ئىگىمىز ئۇلارنىڭ پۇتلىرىدىكى بېزەكلەر، بېشىدىكى لېنتىلار، ئاي شەكىللىك زىننەت بۇيۇملار،

19 ھالقىلار، بىلەزۈكلەر، چۈمبەللەر،

20 باش كىيىملىرى، پۇتىدىكى زەنجىرلەر، كەمەرلەر، ئەتىر قۇتىلار، تۇمارلار،

21 ئۈزۈكلەر، بۇرۇن ھالقىلىرى،

22 بايراملىق لىباسلار، تونلار، چاپانلار، ھەميانلار،

23 ئەينەكلەر، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر، تاجلار ۋە روماللارنى تارتىپ ئەكىتىدۇ.

24 خۇشبۇي پۇراقلارنىڭ ئورنىغا سېسىق پۇراق ئالمىشىدۇ، كەمەر ئورنىغا ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ، قويۇق چاچ ئورنىغا تاقىر باش ئالمىشىدۇ، ئېسىل لىباس ئورنىغا ماتەملىك كىيىم كىيىدۇ، گۈزەللىك ئورنىنى شەرمەندىچىلىك ئالىدۇ.

25 ئەرلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، باتۇرلىرىڭلار ئۇرۇش مەيدانىدا يەر چىشلەيدۇ.

26 سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ، بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan