يەشايا 29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيېرۇسالېمنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم _ داۋۇت بارگاھ قۇرغان شەھەر ئارىئېل، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سېنىڭ ئادەملىرىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئويناۋەرسۇن. 2 ئەمما مەن ئارىئېلنى بىر مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلىمەن، بۇ شەھەر پەرياد كۆتۈرۈپ، نالە قىلسۇن. مەن بۇ يەرنى قۇربانلىق سۇپىسى قىلىمەن. 3 مەن سېنىڭ ھەممە تەرىپىڭگە بارگاھ قۇرىمەن، ئەتراپىڭغا مۇنارلارنى ياسايمەن، سېپىلىڭغا توپا دۆۋىلەپ، ھۇجۇم قىلىمەن. 4 سەن يىقىلىپ چۈشۈپ، توپىدا يېتىپ سۆزلەيسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ توپىدىن ئارانلا ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ ئاۋازىڭ يەر ئاستىدىن كەلگەن جىننىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ سۆزلىرىڭ تۇپراقتىن كەلگەن پىچىرلاشتەك بىلىنىدۇ. 5 ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ. سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ. 6 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ. جۇدۇن-چاپقۇن، قارا بوران ۋە ئۇلغىيىپ كۆيۈۋاتقان ئوت بىلەن كېلىدۇ. 7 ئارىئېل بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭ سېپىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، خەلقىگە ئازاب سالغان بارلىق دۆلەتلەر خۇددى كېچىدىكى چۈشتەكلا غايىب بولىدۇ! 8 ئاچ قالغان كىشىلەر چۈشىدە تاماقلانغاندەك، ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئاچ قورساق تۇرغاندەك، چاڭقاپ كەتكەن كىشىلەر چۈشىدە ئۇسسۇلۇق ئىچكەندەك، ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئۇسسىز، ھارغىن قوپقاندەك بولىدۇ. مانا بۇ، سىئون تېغىغا ھۇجۇم قىلغان سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ ھالى.» 9 چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار! ئەمالاردەك يۈرۈۋېرىڭلار! سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس. سىلەر دەلدەڭىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ شاراب ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس. 10 پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى. پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان. غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان. 11 مەن سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلىك ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ سىلەر ئۈچۈن پېچەتلەگلىك دەستۇرغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇنى ئوقۇيالايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى بۇ دەستۇر پېچەتلەگلىك ئىكەن» دەيدۇ. 12 ئەگەر بۇنى ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇشنى بىلمەيمىز» دەيدۇ. 13 ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان. 14 شۇ سەۋەبتىن، مەن بۇ خەلققە، ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئاقىللىرى ئەقىلسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پاراسەتلىك كىشىلىرى، پاراسەتسىز بولۇپ قالىدۇ!» 15 ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟» 16 سىلەر ئەخمەق! سىلەر ھېچنېمىنى چۈشەنمەيسىلەر! كۇلالچى بىلەن لاي تەڭ ئورۇندا تۇرامدۇ؟ نەرسىلەر ئۆزىنى ياسىغۇچىنى «ئۇ مېنى ياسىمىغان» دەمدۇ؟ ساپال قاچا كۇلالچىنى «ئۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ» دەمدۇ؟ 17 قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋان مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلىنىدۇ، بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ. 18 شۇ چاغدا گاس ئادەملەر دەستۇرلاردىن ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى ئەمالار كۆرىدۇ. 19 پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىدىن ئاجىزلار قايتىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ. يوقسۇللار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن شادلىنىدۇ. 20 زالىملار يوقىلىدۇ، مازاق قىلغۇچىلار ۋەيران بولىدۇ. يامانلىققا ھېرىسمەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىشىدۇ. 21 بۇلار كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر. بۇلار ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنى ئالداپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغۇزغۇچىلاردۇر. يالغان سۆزلەپ، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر. 22 ئىبراھىمنى قۇتقۇزۇۋالغان پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئەمدى نومۇس قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمدى يۈزى تۆكۈلمەيدۇ. 23 چۈنكى ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسە، مېنىڭ نامىمغا ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. ئۇلار، ياقۇپنى تاللىغان مەن مۇقەددەس خۇداغا ھۆرمەت ياغدۇرىدۇ. ئۇلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ. 24 يولدىن ئازغانلار ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، ئاغرىنغۇچىلار تەلىمنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti