يەشايا 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى 1 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ. 2 شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئۈزۈمزارلىقنى، يەنى خەلقىمنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىڭلار. 3 مەن پەرۋەردىگار ئۈزۈمزارلىقىمنى قوغدايمەن، مەن ئۇنى دائىم سۇغىرىپ تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز قاراپ، ھېچكىمنى چېقىلدۇرمايمەن. 4 مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن. خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن! مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، 5 ياخشىسى ئۇلار مەندىن پاناھلىق تىلەپ كەلسۇن. مەن بىلەن ياراشسۇن، ئۇلار مەن بىلەن يارىشىۋالسۇن.» 6 ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىز تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كۆكلەيدىغان چاغ كېلىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىنى مېۋىلەرگە تولدۇرىدۇ! 7 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بەرگەندەك، ئىسرائىللارغىمۇ زەربە بېرەمدۇ؟ ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇ؟ 8 ياق! لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنى سۈرگۈن قىلىپ جازالايدۇ، ئۇلارنى شەرقتىن كەلگەن شەپقەتسىز بوران بىلەن قوغلايدۇ. 9 لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ. 10 سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ، پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ. ئۇ شەھەر قاقاسلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ يەردە كالىلار ئوتلاپ، ئارام ئېلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يەپ يۈرىدۇ. 11 شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ. 12 بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەر ئىسرائىللارنى، فىرات دەرياسى ۋە مىسىر چېگراسىدىكى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى يەرلەردىن، خۇددى بۇغداينى ساماندىن ئايرىغاندەك ئايرىپ، بىر-بىرلەپ يىغىۋالىدۇ. 13 بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti