يەشايا 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمەدھىيە ناخشىسى 1 شۇ كۈنى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بارلىق خەلق بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ: بىزنىڭ شەھىرىمىز مۇستەھكەم! خۇدا خۇددى سېپىل ۋە سېپىل مۇنارلىرىغا ئوخشاش بىزنى قۇتقۇزىدۇ. 2 دەرۋازىلارنى ئېچىڭلار، پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەن، ھەققانىي خەلقنى ئىچىگە كىرگۈزۈڭلار. 3 ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان. 4 ھەر دائىم پەرۋەردىگارغا تايىنايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك پاناھلىنىدىغان قورام تاشتۇر. 5 ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ. ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. 6 ئېزىلگەنلەر ئۇلارنى يانجىيدۇ، يوقسۇللارمۇ ئۇنى دەسسەپ ئۆتىدۇ. 7 ئى پەرۋەردىگار، سەن توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىسەن، دۇرۇسلارنىڭ يولىنى تۈز قىلىسەن. 8 پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر. 9 ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن كېچە قەلبىم سېنى سېغىنىدۇ، تاڭ سەھەردە روھىم سېنى ئىزدەيدۇ، سەن يەر يۈزىگە سوراققا كەلگەندە، ئىنسانلار توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. 10 گەرچە رەزىللەرگە شەپقەت قىلىنسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ھەققانىي يولنى بىلمەيدۇ. ئۇلار دۇرۇسلار ياشايدىغان بۇ زېمىندا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئويلىمايدۇ. 11 ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن. 12 ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە تىنچلىق ئاتا قىلغىن. بىزنىڭ سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىز سەندىن كەلگەن. 13 ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن، لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز. 14 ئۇ ھۆكۈمرانلار ئۆلدى، قايتا تىرىلمەيدۇ. ئۇلار گۆردە ياتىدۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ، يوقاتتىڭ. ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتتىڭ. 15 ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئۇلغايتتىڭ. ئۆز خەلقىڭنىڭ سانىنى كۆپەيتتىڭ. بۇنىڭ بىلەن سەن شان-شەرەپكە ئېرىشتىڭ. سەن زېمىنىمىزنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتتىڭ. 16 ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق. 17 ھامىلىدار ئايال تولغاق ئازابىدا يىغلىغاندەك، بىزمۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يىغلىدۇق، ئى پەرۋەردىگار. 18 بىز تولغاق ئازابىدىكى ھامىلىدار ئايالغا ئوخشاپ قالدۇق، لېكىن بىزدىن تۇغۇلغىنى يوقلۇق بولدى. بىز دۇنيانى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمەيمىز. قولىمىزدىن ھېچبىر ئىش كەلمەيدۇ. 19 ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ! ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ. ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك، سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن. 20 خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار. 21 قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى. زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti