يەشايا 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش 1 ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ. 2 سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ، مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى، يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ. 3 شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك خەلقلەر سېنى ئۇلۇغلايدۇ، شەپقەتسىز ئەللەر سەندىن ئەيمىنىدۇ. 4 سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ، 5 ئۇلار چۆلدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا ئوخشايدۇ. ئى پەرۋەردىگار، سەن يات ئەللەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى شۈك قىلىپ قويدۇڭ. خۇددى كۈننىڭ ئىسسىقىنى بۇلۇت توسۇۋالغاندەك، زالىملارنىڭ زەپەر ناخشىلىرىنى توسۇۋالدىڭ. 6 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ. 7 بۇ تاغدا پەرۋەردىگار بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىدىكى كېپەنلىكنى ئېلىپ تاشلايدۇ. پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاخىرەتلىك يېپىنچىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. 8 ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! 9 شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.» 10 سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ. 11 خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇنى ئالقىنىدا باسقىنىدەك، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە باسىدۇ. 12 ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti