يەشايا 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدۇنيانىڭ سوراق قىلىنىشى توغرىسىدىكى ۋەھىي 1 قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ. 2 روھانىيلار ۋە خەلقلەر، خوجايىنلار ۋە قۇللار، ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر، ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار، قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار، ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ. 3 زېمىن پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. 4 زېمىن قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، جاھان چۆلدەرەپ، قاغجىراپ قالىدۇ، زېمىندىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلەرمۇ تۈگىشىدۇ. 5 كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ. 6 شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ. 7 ئۈزۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنىدۇ، يېڭى شارابلار يوق بولىدۇ، ئويۇن-تاماشاغا بېرىلگۈچىلەر ئاھ ئۇرىدۇ. 8 داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى توختايدۇ، تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى جىمىقىدۇ، چىلتار سادالىرىمۇ ئۆچىدۇ. 9 ئۇلار ئەمدى ناخشا ئېيتىپ، شاراب ئىچەلمەيدۇ. مەي ئىچكۈچىلەرگە مەي لاۋزا تېتىيدۇ. 10 خارابىگە ئايلانغان شەھەرلەر قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. خەۋپسىرەپ، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ. 11 شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ. ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. 12 شەھەر دەرۋازىلىرى پاچاقلىنىپ، شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. 13 مانا بۇ، جاھاندىكى بارلىق خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈن. خۇددى مول ھوسۇلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا، زەيتۇننىڭ شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقىغا، ئۈزۈملەرنىڭ تەكلەردىن كېسىۋېلىنغانلىقىغا ئوخشاش، دۇنيادا ئازلا ئادەم قالىدۇ. 14 ئۇلار خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ. كۈنپېتىشتا كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەيدۇ. 15 ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاڭلار. دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار. 16 جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن، ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ. بىراق، مەن يەشايا، تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم! ھالىمغا ۋاي! ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى. 17 ئەي زېمىندىكى ئىنسانلار، سىلەر ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر، سىلەرنى ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار كۈتۈپ تۇرىدۇ. 18 ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ. 19 يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ، زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ. 20 زېمىن مەست ئادەمدەك ئىرغاڭلايدۇ، بوران-چاپقۇندىكى ئاجىز كەپىدەك لەپەڭشىيدۇ. زېمىن گۇناھنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قايتا ئۆرە بولالمايدۇ. 21 ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ. 22 ئۇلار ئۇ چاغدا قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش توپلىنىدۇ، ئۇلار زىندانغا سولىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جازالىنىدۇ. 23 ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ. كۈن ئىزا تارتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti