يەشايا 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي 1 بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ. 2 ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار ۋە سىدون سودىگەرلىرى، سىلەر سۈكۈتتە قايغۇرۇڭلار! سودىگەرلىرىڭلار دېڭىزلاردا تىرىكچىلىك قىلاتتى، 3 ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ، مىسىردىكى شىخور ۋادىسىدىن ئاشلىق سېتىۋالاتتى، نىل دەريا ۋادىسىدىن چىققان ھوسۇللارنى ئەكېلەتتى. يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى سىلەردە ئىدى. 4 ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ! چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قۇرغان مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.» 5 بۇ خەۋەر مىسىرغا كەلگەندە، ئۇلار تىرغا كەلگەن كەلگۈلۈكنى ئاڭلاپ ئىنتايىن پەرىشان بولىدۇ. 6 ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار، تارشىشقا قېچىپ كېتىڭلار! ئازابلىنىپ يىغلاڭلار! 7 قەدىمىي شەھىرىڭلار خۇشال-خۇراملىققا تولغان شەھەرمىدى؟! سىلەر بۇ شەھەردىن دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق يىراق ئەللەردە ياشاشقا بارغان ئەمەسمۇ؟! 8 بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟ بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان، سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. 9 بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى. 10 ئەي تارشىش خەلقى، نىل دەريا بويىدىكى دېھقانلارغا ئوخشاش يەرلىرىڭلارغا ئىشلەڭلار! چۈنكى پىرېستانىڭلار ئەمدى يوق بولدى. 11 پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. 12 ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار، سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى. ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار. ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.» 13 بابىل زېمىنىغا قاراڭلار، بۇ زېمىندىكى خەلق يوقالغان! ئاسسۇرلار بۇ زېمىننى ياۋايى يىرتقۇچلارغا ماكان قىلىپ بەردى. ئۇلار شەھەر سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، ئوردىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى. 14 تارشىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېڭىزچىلار، قايغۇرۇڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ قورغىنىڭلار گۇمران قىلىندى. 15 شۇ چاغ كەلگەندە، تىر شەھىرى 70 يىل ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، بۇ، بىر پادىشاھنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭ. 70 يىلدىن كېيىن، تىر بۇ ناخشىدىكى پاھىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ: 16 سازىڭ چىلتارنى قولۇڭغا ئال، كەزگىن بۇ شەھەرنى، ئەي ئۇنتۇلغان پاھىشە، ناخشاڭنى ئېيت، مۇڭلۇق سازىڭنى چال، بەلكىم كىشىلەر سېنى قايتا ئەسكە ئالار. 17 70 يىلدىن كېيىن پەرۋەردىگار تىر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىر شەھىرى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار بىلەن سودا قىلىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پاھىشە بولۇپ، پۇل تاپىدىغان يولغا كىرىپ كېتىدۇ. 18 لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti