Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي

1 بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك، چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ.

2 مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»

3 بۇ ۋەھىي سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇرىدۇ، ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا. مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى.

4 بېشىم پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالدى، قورقۇنچتىن تىترەپ تۇرىمەن. مەن كەچكى شەپەقنى كۈتكەنىدىم. ئەپسۇس، كۆرگىنىم مېنى چۆچۈتۈپ قويدى.

5 ئۇلار گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى. ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى: «ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!»

6 ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «شەھەر قوۋۇقىغا بىر قاراۋۇل قويۇڭلار. ئۇ كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلىپ تۇرسۇن.

7 ئۇ قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆرگەندە، ئېشەكلەرگە ياكى تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە، ئۇ چوقۇم كۆز-قۇلاق بولسۇن، قاتتىق كۆزەتسۇن.»

8 قاراۋۇل مۇنداق دەپ ۋارقىرىدى: «جانابلىرى، مەن كۈندۈزى قوۋۇقتا كۆزەتتە تۇرىمەن. كېچىسى ھەم كۆزەتتە تۇرىمەن.

9 قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»

10 ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، سىلەر يانجىلغان ۋە سورۇلۇپ كەتكەنىدىڭلار! مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدۈم.


ئىدومنىڭ قىسقىغىنا ئامانلىقىدىن كېيىنكى زۇلۇم

11 بۇ، دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ: «قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟ قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»

12 قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»


ئەرەبلەر توغرىسىدىكى ۋەھىي

13 بۇ، ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىستان چۆللۈكىدە چېدىر تىكىپ ئولتۇرىسىلەر.

14 چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىڭلار، ئەي تەما زېمىنىدا ياشايدىغانلار، مۇساپىرلارغا تاماق بېرىڭلار.

15 ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار، غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن، كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن، شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار.

16 ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ بارلىق شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ.

17 قېدارنىڭ قوشۇنلىرىدىكى مەرگەنلىرى ئىنتايىن ئاز قالىدۇ.» بۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan