Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىي

1 بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.

2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىسىرلىقلارنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. ھەممە ئائىلە كىشىلىرى، ھەممە قوشنىلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. بىر شەھەر يەنە بىر شەھەر بىلەن، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشىدۇ.

3 مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.

4 مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن. بىر قۇدرەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.» مانا بۇ، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

5 نىل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇرۇپ كېتىدۇ، دەريا قاغجىراپ، سۈيى تۈگەيدۇ.

6 مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ، سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ.

7 نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە دەريا ئېغىزىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغان زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىپ، يوقىلىدۇ.

8 بېلىقچىلار قايغۇغا چۆمىدۇ، نىل دەرياسى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغانلار ھەسرەتكە چۆمىدۇ، دەرياغا تور تاشلايدىغانلار نالە قىلىدۇ.

9 كەندىردىن يىپ ئېشىدىغانلار قايغۇرىدۇ، رەخت توقۇيدىغانلار ئۈمىدسىزلىككە تولىدۇ.

10 مىسىرنىڭ توقۇمچىلىرىغا مۇسىبەت بولىدۇ، بارلىق ئىشلەمچىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.

11 زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!

12 ئەي پىرئەۋن! ئەمدى سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ساڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇنچۇ.

13 زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، مېمفىس شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ، مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.

14 پەرۋەردىگار مىسىر ئاقساقاللىرىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇلار مىسىر خەلقىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. ئۇلارنى ھاراقكەشلەردەك ئۆز قۇسۇقلىرىغا تېيىلىپ، دەلدەڭشىپ يۈرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

15 مىسىردا ھېچبىر ئادەم، مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلۇغ ياكى پېقىر بولسۇن، بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ئالدىدا ئامال-چارىسىز قالىدۇ.

16 ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ.

17 يەھۇدىيە خەلقى مىسىرلىقلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. مىسىرلىقلار يەھۇدىيەنى ئېسگە ئالغان ھامان ئۇلار قورقىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى جازالىماقچى.

18 ئۇ چاغدا مىسىرنىڭ بەش شەھىرىدە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەھەر «قۇياش شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

19 شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ياسىلىدۇ.

20 بۇلار مىسىرلىقلارنىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ياسالغان بىر خاتىرە بەلگىسى بولىدۇ. خەلق ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەر ئۈستىدىن پەرۋەردىگارغا يىغلاپ نالە-پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.

21 شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ چاغ كەلگەندە، مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرى قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلىدۇ ۋە بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدۇ.

22 پەرۋەردىگار مىسىرغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا شىپالىق بېرىدۇ.

23 شۇ چاغدا مىسىردىن ئاسسۇرىيەگە بىر يول ئېچىلىدۇ. ئاسسۇرلار مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسسۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. مىسىرلىقلار بىلەن ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارغا بىرلىكتە ئىبادەت قىلىدۇ.

24 شۇ چاغدا ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە ئاسسۇرىيە يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بەخت مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

25 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرلىقلار مېنىڭ خەلقىم، ئاسسۇرلار مېنىڭ قولۇمدىكى ئىجادىيىتىم، ئىسرائىللار مېنىڭ مۈلكۈم، سىلەر بەختلىك بولۇڭلار!»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan