Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سەلا شەھىرىدىن چىقىپ چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سىئون تېغىغا بېرىپ، زېمىننىڭ ھۆكۈمدارىغا قوينىڭ قوزىلىرىنى تارتۇق قىلىڭلار.

2 موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ.

3 ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «نېمە قىلىشىمىزنى بىزگە ئېيتىڭلار، بىزنى قوغداڭلار! سىلەرنىڭ پاناھلىقىڭلار خۇددى چىڭقى چۈشتىكى سايىگە ئوخشايدۇ، بىزدەك قوغلانغانلارنى ئۆز پاناھىڭلارغا ئېلىڭلار، بىزدەك پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن يۈز ئۆرۈمەڭلەر!

4 موئابتىن سەرسان بولۇپ كەلگەن بىزلەرنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە تۇرۇشقا يول قويۇڭلار، بىزنى گۇمران قىلماقچى بولغانلاردىن قوغداپ قېلىڭلار.» زالىملار چوقۇم يوقىلىدۇ، ۋەيرانچىلىق ئاخىرلىشىدۇ، تاجاۋۇزچىلار زېمىندىن يوقىلىدۇ،

5 ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىشەنچلىك بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ پادىشاھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولىدۇ. ئۇ رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ دائىم ئادىل ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ.

6 بىز موئابلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئاڭلىغان، ئۇلار شۇنداق ھاكاۋۇر ئىدىغۇ! ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقىدىن، كىبىرلىكىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلىغىنى بىكار بولدىغۇ!

7 شۇڭا موئابلارنىڭ نالە-پەريادىغا ئېرەن قىلماڭلار، موئابلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن. ئۇلارنىڭ قىرخەرەستىكى كىشمىشلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.

8 خەشبون شەھىرىنىڭ دالالىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ. سىبماھ شەھىرىدىكى باراقسان ئۈزۈمزارلىقلارمۇ يوقىلىدۇ. يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈزۈمزارلىقلار يازېر شەھىرىدىن ئۆتۈپ چۆللەرگىچە تۇتاشقانىدى، ئۇلار شاخلارنى چىقىرىپ، دېڭىزغىچە باراقسانلاشقانىدى.

9 شۇڭا مەن يازېر بىلەن سىبماھتىكى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىققا ئېچىنىمەن. ئەي خەشبونلۇقلار ۋە ئەلئالىلىقلار، كۆز ياشلىرىمغا چىلىشىپ كېتىسىلەر، سىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقان مېۋە-چېۋەڭلار ۋە مول ھوسۇل شادلىقىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.

10 شادلىق ۋە خۇشال كۈلكەڭلار باغلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلاردا ھېچكىم خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ، شادلىق سادالىرىنى ياڭراتمايدۇ. ھېچكىم ئۈزۈملەرنى يانجىپ، ئۈزۈم ھارىقى ياسىمايدۇ. سىلەرنىڭ خۇشاللىق سادالىرىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.

11 شۇ سەۋەبتىن، مېنىڭ يۈرىكىم خۇددى ماتەم مۇزىكىسى چالغاندەك موئابلار ئۈچۈن يىغلايدۇ، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن زارلانماقتىمەن.

12 موئابلار ئىبادەت قىلىشقا بارغاندا، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى بىكارلا ئاۋارە قىلىدۇ. ئۇلار بۇتخانىلىرىغا بېرىپ دۇئا قىلسا، قىلغان دۇئالىرىنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟

13 يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر پەرۋەردىگارنىڭ موئابلارغا ئالدىن بەرگەن بېشارىتىدۇر.

14 ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەل ئۈچ يىلدىن كېيىن، موئابلارنىڭ شۆھرىتى ئاخىرلىشىدۇ، گەرچە ئۇلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ، شۇنچە بىچارە بولۇپ قالىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan