Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


موئابنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1 بۇ، موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: موئابتىكى ئار شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ! موئابتىكى قىر شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!

2 موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

3 ئۇلار كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ كوچىلاردا ھازا تۇتىدۇ. ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە ۋە شەھەر مەيدانلىرىدا ھەممە ئادەم نالە-پەرياد قىلىپ ھازا ئېچىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلىدۇ.

4 خەشبون ۋە ئەلئالى شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرى ياردەم تىلەپ يىغلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يىغا-زار ئاۋازلىرى يىراقتىكى ياھاز شەھىرىگىچە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا موئاب لەشكەرلىرى قورقۇنچتىن چۇقان سېلىپ، تىترەپ كېتىدۇ.

5 مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن. ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ. ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ. خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ.

6 نىمرىم بۇلاقلىرى سۇسىز قالىدۇ، ئوت-چۆپلەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، يۇمران مايسىلارمۇ سولىشىدۇ، ھەممە يەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.

7 ئۇلار ئۆزلىرى توپلىغان ۋە ساقلاپ قالغان بايلىقلىرىنى ئېلىپ، ئارابىم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ قاچىدۇ.

8 پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ.

9 دىمون شەھىرىنىڭ دەريالىرى قان بىلەن قىپقىزىل بويىلىپ كېتىدۇ، شۇنداق، پەرۋەردىگار دىمون شەھىرىنىڭ پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. موئاب زېمىنىدا قېپقالغان ئادەملەر ۋە قېچىپ يۈرگەنلەر شىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan