Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىشى

1 پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

2 ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.


بابىل پادىشاھىنىڭ تۈگىشىشى

3 پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە،

4 سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!

5 پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ كۈچىنى بىتچىت قىلدى، زوراۋان ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىلىرىنى سۇندۇردى.

6 ئۇلار قەھر-غەزەپ بىلەن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ ئەللەرنى يوقاتقان، خەلقلەرگە قەھر-غەزەپ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇلارنى ھىسابسىز ئەزگەن.

7 ئەمما ھازىر پۈتكۈل زېمىن تىنچلىنىپ، ئارام ئالدى. خەلقلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى.

8 ئەي، بابىل پادىشاھى! لىۋاننىڭ كىپارىس ۋە كېدىر دەرەخلىرى سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ. ئۇلار: «سېنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ.

9 يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ، بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.

10 ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەنمۇ بىزدەك بىچارە بولدۇڭ! سەنمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلدىڭ!»

11 سېنىڭ ھەيۋەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كەتتى. سېنىڭ مۇزىكىلىق تاماشىلىرىڭمۇ سەن بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى. سەن ئەمدى قۇرت-قوڭغۇزلارنى سېلىنچا ۋە يېپىنچا قىلىسەن.

12 سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟! سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟! قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟! سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟!

13 سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق دېگەنىدىڭ: «مەن ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ئۈستىگە تەخت قۇرىمەن. مەن ھامان ئىلاھلار يىغىلىدىغان شىمالدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن.

14 مەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىمەن، مەن ئۇلۇغ خۇداغا ئايلىنىمەن!»

15 ئەمما سەن ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا تاشلاندىڭ، ئۆلۈكلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىگە تاشلاندىڭ.

16 ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟

17 بۇ ئادەم دۇنيانى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغان، شەھەرلەرنى خاراب قىلىۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ئەسىرلەرنى قاماپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرمىغان كىشى شۇ ئەمەسمۇ؟»

18 بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى شان-شۆھرىتى بىلەن ئۆز قەبرىسىدە ياتىدۇ.

19 ئەمما سەن خۇددى قەدىرسىز شاخ-شۇمبىدەك قەبرەڭدىن تارتىپ چىقىرىلىسەن. سەن خۇددى دەسسەپ چەيلەنگەن جەسەتلەردەك، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە جەسەت ئازگاللىرىغا تاشلىۋېتىلىسەن. ئۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرى سېنىڭ جايىڭ بولىدۇ.

20 سەن باشقا پادىشاھلارغا ئوخشاش دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى سەن ئۆز زېمىنىڭنى ۋە خەلقىڭنى ۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلغان. بۇنداق رەزىللەرنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنمىغاي!

21 بۇ ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىنى يوقىتىشقا تەييار تۇرۇڭلار. ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن. ئۇلار يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەر يۈزىنى ئىشغال قىلىۋالمىسۇن. يەر يۈزىنى ئۆز شەھەرلىرى بىلەن تولدۇرمىسۇن!

22 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

23 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىغا، شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش، بابىلنى يوقىتىۋېتىمەن.»


ئاسسۇرىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

24 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار خۇددى مەن بۇرۇنلا ئىرادە قىلغىنىمدەك يۈز بېرىدۇ؛ مەن قانداق بولۇشنى ئىرادە قىلغان بولسام، ئىشلارمۇ شۇنداق بولىدۇ.

25 مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

26 بۇ مېنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە قىلغان ئىرادەم. مېنىڭ قولۇم پۈتكۈل ئەللەرگە سوزۇلدى.»

27 بەرھەق، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلسا، قېنى كىم ئۇنى توسىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ قوللىرى گۇمران قىلىشقا تەييارلانسا، قېنى كىم ئۇنى توختىتالايدۇ؟


فىلىستىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

28 پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى:

29 «ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.

30 پېقىر-مىسكىنلەرگە يەيدىغان نېسىۋە بېرىلىدۇ، موھتاجلارمۇ خاتىرجەم ياتىدۇ. لېكىن، مەن پەرۋەردىگار ئاچارچىلىق بىلەن يىلتىزلىرىڭلارنى قۇرۇتىمەن، ھەممىڭلارنى قىرىپ تاشلايمەن.

31 ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار! شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار! پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار! شىمال تەرەپتىن بىر قارا تۈتەك كېلىدۇ، ئۇ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان قوشۇندۇر.

32 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى، ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan