Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەشايا 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مەدھىيەلەر

1 شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.

2 بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»

3 سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار.

4 ئۇ كۈنى سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئۇنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلاڭلار بارچە ئەللەرگە، ئۇنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈڭلار ئۇلارغا!

5 ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، چۈنكى ئۇ قىلدى ئاجايىپ ئىشلارنى. جاكارلانسۇن بۇ ئىشلار ھەم پۈتۈن يەر يۈزىگە!

6 ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan