ھوشىيا 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتوۋا قىلىشقا چاقىرىش 1 كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى! ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ. ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ. 2 ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز. 3 بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى، ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى! تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ. زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ. 4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار سەھەردىكى سۇس تۇمانغا ئوخشايدۇ، خۇددى شەبنەمدەك غايىب بولىدۇ. 5 شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم، سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم. تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. 6 قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن، مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 7 لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى. شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. 8 گىلئاد رەزىللىككە تولغان، قانغا مىلەنگەن شەھەردۇر. 9 روھانىيلار خۇددى قاراقچىلاردەك كۈتۈپ تۇرىدۇ. شەكەمگە ماڭغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايەت سادىر قىلىدۇ. 10 مەن ئىسرائىلىيەدە يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆردۈم، ئىسرائىلىيە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزىنى بۇلغىدى. 11 ئەي يەھۇدىيە، سىلەر ئۈچۈنمۇ مەن بىر جازا كۈنىنى بېكىتتىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر قېتىم خەلقىمنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى، |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti