ھوشىيا 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى. 2 ئاسىيلار قىرغىنچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتتى. لېكىن مەن ھەممىڭلارنى جازالايمەن. 3 مەن ئىسرائىلىيەنى ياخشى بىلىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىن يوشۇرالمايدۇ. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىدى. 4 ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. ساداقەتسىزلىك ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگىلىگەندۇر. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ. 5 ئىسرائىلىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، يەنى ئەفرايىم گۇناھلىرىغا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، يەھۇدىيەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىقىلىدۇ. 6 ئۇلار كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرى بىلەن كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولۇشىدۇ، لېكىن ئۇلار مېنى تاپالمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىم. 7 ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ھارامدىن بالا تاپتى. ئۇلارنىڭ يېڭى ئاي بايراملىرى ئۆزلىرىنى ئېتىزلىرى بىلەن بىرگە ۋەيران قىلىدۇ. 8 گىبئاھ شەھىرىدە بۇرغا، راماھ شەھىرىدە كاناي چېلىڭلار، بەيتئاۋەندا ئۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئەي بىنيامىنلار، ھەممىدىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىڭلار! 9 ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر جازا كۈنى خاراب بولىسىلەر! مەن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىگە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى جاكارلايمەن! 10 يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى خۇددى پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىۋېتىدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ، شۇڭا غەزىپىم خۇددى كەلكۈندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ. 11 ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ. 12 مەن ئىسرائىلىيەنى كۈيە چۈشكەن كىيىمگە، يەھۇدىيەنى پور ياغاچقا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. 13 ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدىيە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندە، ئىسرائىلىيە بېرىپ، كۈچلۈك ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ، جاراھەتلىرىنىمۇ ساقايتالمايدۇ. 14 مەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شىردەك، يەھۇدىيەگە قارشى يىرتقۇچ شىردەك بولىمەن. ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىمەن. مەن ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەندە، ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. 15 ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ». |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti