ھوشىيا 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئەيىبلىشى 1 ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ. 2 سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر. قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر. 3 شۇڭا بۇ زېمىن ھازا تۇتماقتا. بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق خەلق ئاجىزلىشىدۇ. دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يوقايدۇ. 4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھېچكىم خەلقنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلمىسۇن، ھېچكىم خەلقنى ئەيىبلىمىسۇن. ئەي روھانىيلار، مېنىڭ ئەيىبلەيدىغىنىم سىلەردۇرسىلەر. 5 سىلەر مەيلى كۈندۈز ياكى كېچىدە بولسۇن پۇتلىشىسىلەر، ساختا پەيغەمبەرمۇ سىلەر بىلەن بىرگە پۇتلىشىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغان ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلىمەن. 6 خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن. 7 سىلەر كۆپەيگەنچە، ئۆتكۈزىدىغان گۇناھىڭلارمۇ كۆپەيمەكتە، شەرىپىڭلارنى نومۇسقا ئالماشتۇردۇڭلار. 8 سىلەر روھانىيلار خەلقىمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بىلەن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتتىڭلار. شۇڭا خەلقنىڭ گۇناھ قىلىشىغا تەشنا بولدۇڭلار. 9 كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا، سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر. مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلارغا، قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن. 10 سىلەر يېسەڭلارمۇ تويمايسىلەر، بۇتخانىلاردا زىنا قىلساڭلارمۇ، سانىڭلار كۆپەيمەيدۇ. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. 11 شارابخورلۇق خەلقىمنى ئەقىل-ئىدراكتىن مەھرۇم قىلىدۇ. 12 خەلقىم ياغاچ بۇتلاردىن مەسلىھەت، ياغاچ بۇيۇملاردىن تەلىم سورايدۇ. خەلقىمنىڭ بۇتقا چوقۇنۇپ شەھۋانىيلىق قىلىشى ئۇلارنى ئازدۇردى. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. 13 ئۇلار تاغلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، تۆپىلىكلەردە كۈجە كۆيدۈرىدۇ. ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا، يەنى دۇپ، تېرەك ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا شۇنداق قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ يەردە پاھىشىلىك قىلىدۇ، كېلىنلىرىمۇ زىنا قىلىدۇ. 14 لېكىن مەن پاھىشە قىزلىرىنى جازالىمايمەن، زىناخور كېلىنلىرىنى ئەدەپلىمەيمەن. چۈنكى ئەرلەرمۇ پاھىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، بۇتخانىدىكى پاھىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇنىدۇ، نادان خەلق ھامىنى ھالاك بولىدۇ. 15 ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار، لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن. گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن، بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن. 16 ئىسرائىلىيەلىكلەر جاھىلدۇر، ئۇلار ئىنەكتەك جاھىل تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئۇلارنى قوزىلارنى يايلاقلاردا باققاندەك باقالايمەن؟ 17 ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن. 18 ئۇلار ئەيش-ئىشرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى نومۇسسىزلىققا ھەۋەس قىلىدۇ. 19 بوران ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، ئۇلار بۇتلارغا قىلغان قۇربانلىقلىرى سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti