ھوشىيا 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئاكا-ئىنىڭلارنى «ئامى» [مەنىسى «مېنىڭ خەلقىم»]، ئاچا-سىڭلىڭلارنى «رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىت»] دەپ چاقىرىڭلار. گومەر ۋە ساداقەتسىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئەيىبلىنىشى 2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەيىبلەڭلار، ئاناڭلارنى ئەيىبلەڭلار! ئۇ ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس، مەنمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. يۈزىدىكى پاھىشىلىك جىلۋىلىرىنى، ئۈستىدىكى ئۇياتسىز كىيىملىرىنى يوقاتسۇن. 3 بولمىسا مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرىمەن. خۇددى قۇملۇقتەك قاقاس چۆلگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىتىپ ئۆلتۈرىمەن. 4 ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، چۈنكى ئۇلار پاھىشەنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 5 ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، نومۇسسىزلارچە ئېغىر ئاياغ بولدى. ئۇ: ‹مەن ئاشنىلىرىمنى ئىزدەيمەن، ئۇلار ماڭا يېمەك-ئىچمىكىمنى، يۇڭ ۋە زىغىر رەختىمنى، زەيتۇن يېغى ۋە شارابىمنى بېرىدۇ› دەيدۇ. 6 شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يولىنى تىكەن بىلەن توسىمەن، ئۇ يولىنى تاپالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىغا تام قوپۇرىمەن. 7 ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلىسىمۇ، يېتىشەلمەيدۇ، ئىزدىسىمۇ تاپالمايدۇ. شۇڭا ئۇ: ‹بىرىنچى ئېرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتەيچۇ، بۇرۇنقى ئەھۋالىم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئىدى› دەيدۇ. 8 لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى. ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى. 9 شۇڭا ئورما ئۇرۇش ۋە شاراب چىقىرىش ۋاقىتلىرى كەلگەندە، مەن ئاشلىق ۋە شارابلىرىمنى ئۇنىڭغا بەرمەيمەن. ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك ئۈچۈن بەرگەن يۇڭ ۋە زىغىر رەختلەرنى تارتىۋالىمەن. 10 ئاشنىلىرىنىڭ ئالدىدا كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن. ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 11 ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى، يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن. 12 ئۇ: ‹ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋە ئەنجۈرلۈكۈمنى ئاشنىلىرىم ماڭا ھەق سۈپىتىدە بەرگەن› دەيدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، چاتقاللىققا ئايلاندۇرىمەن، باغلىرىنى ياۋايى ھايۋانلار يەيدۇ. 13 ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇنى جازالايمەن. ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 14 شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن. چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن. 15 ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن، ‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ. 16 مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، سەن مېنى ‹ئېرىم› دەپ چاقىرىسەن، ‹خوجايىنىم› دەپ چاقىرمايسەن. 17 مەن سېنىڭ ئاغزىڭدىن بائالنىڭ ئىسمىنى يوقىتىمەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسەن. 18 مەن ئۇ كۈن كەلگەندە ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلار ساڭا چېقىلمايدۇ. زېمىندىكى ئوقيا، قىلىچلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشلارنى يوقىتىمەن، سەن تىنچ، بىخەتەر ياشايسەن. 19 سېنى مەڭگۈلۈك ئەمرىمگە ئالىمەن. مەن ساڭا ھەققانىيلىق، ئادىللىق، مۇھەببەت ۋە شاپائىتىمنى كۆرسىتىمەن. 20 سېنى ئەمرىمگە ئالىمەن ۋە ساڭا ۋاپادار بولىمەن. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنى تونۇيسەن. 21 مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە ئاسماننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئاسمان زېمىننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. 22 زېمىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇلار ‹يىزرىئەل› [مەنىسى خۇدا تېرىيدۇ] دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. 23 سېنى بۇ زېمىنغا ئۆزۈم ئۈچۈن تېرىيمەن. مەن ‹ئىچ ئاغرىتما› دەپ ئاتالغانلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن، ‹خەلقىم ئەمەس› دەپ ئاتالغانلارنى ئەمدى ‹مېنىڭ خەلقىم› دەپ ئاتايمەن، سەن مېنى: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىم› دەپ ئاتايسەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti