ھوشىيا 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ يولىغا قايتىشقا چاقىرىش 1 ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى. 2 توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن! 3 ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.» 4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىنى داۋالايمەن، ئۇلارنى چەكسىز سۆيىمەن، ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى. 5 مەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە شەبنەم بولىمەن. ئۇلار خۇددى نېلۇپەردەك ئېچىلىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ. 6 ئۇلار يۇمران بىخ چىقىرىپ، زەيتۇن دەرىخىدەك گۈزەللىشىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك پۇراق چاچىدۇ. 7 ئۇلار ماڭا قايتىپ، مېنىڭ سايەمدە ياشايدۇ. ئۇلار زىرائەتلەردەك كۆكلەيدۇ، ئۈزۈم تاللىرىدەك چىرايلىق چېچەكلەيدۇ. لىۋان شارابىدەك نامى جاھانغا تارايدۇ. 8 ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.» خۇلاسە 9 دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti