Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھوشىيا 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەگە بولغان غەزىپى

1 ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرىدۇر. ئۇلار ئېغىز ئاچسىلا، ئادەملەر قورققىنىدىن تىترەپ كېتىشىدۇ. لېكىن ئۇلار بائالغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىشتى.

2 ھازىر ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ ئۇستىلىرى ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە ھۈنىرىگە تايىنىپ، كۈمۈشلىرى بىلەن بۇت ياسايدۇ. ئاندىن باشقىلار ئۇلار ھەققىدە: «ئۇلار ئادەملەرنى قۇربانلىق قىلارمىش، موزاي بۇتلارنى سۆيەرمىش» دېيىشىدۇ.

3 شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.

4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مىسىردىن چىققاندىن بېرى، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن. مەندىن باشقا خۇداغا ئېتىقاد قىلماڭلار، مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچىڭلار يوقتۇر.

5 مەن قۇرغاق چۆل-جەزىرىدە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدىم.

6 مەن سىلەرنى غىزالاندۇردۇم ۋە تويدۇردۇم. لېكىن قورسىقىڭلار تويغاندىن كېيىن، سىلەر ھاكاۋۇرلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدۇڭلار.

7 شۇڭا مەن سىلەرگە شىرغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىمەن، يول بويىدا يىلپىز كەبى پايلاپ تۇرىمەن.

8 مەن سىلەرگە خۇددى بالىسىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئېتىلىپ، تېنىڭلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن. شۇنداق، مەن سىلەرنى شىردەك يۇتۇۋېتىمەن، ياۋايى ھايۋانلاردەك تىتىۋېتىمەن.

9 ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. چۈنكى سىلەر ماڭا، يەنى مەدەتكارىڭلارغا قارشى تۇرۇۋاتىسىلەر.

10 پادىشاھىڭلار قېنى؟ ئۇ سىلەرنى ھەممە شەھىرىڭلاردا قۇتقۇزالامدۇ؟ يېتەكچىلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر بۇرۇن: ‹بىزگە پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر بەرگەيسەن› دەپ يالۋۇردۇڭلار،

11 مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم. ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن.

12 ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرى خاتىرىلەنگەندۇر، ئۇلار ساقلىنىدۇ.

13 ئىسرائىلىيە تولغىقى تۇتقان ئانىنىڭ ئەقىلسىز ئوغلىدۇر. تۇغۇت ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ ئانىسىنىڭ قارنىدىن چىقىشنى خالىمايدۇ.

14 مەن ئۇنى گۆردىن، يەنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايمۇ؟ ئەي ئۆلۈم، ئېلىپ كەل ۋابايىڭنى! ئەي ئۆلۈكلەر ماكانى، كۆرسەت ھالاكىتىڭنى! مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن.

15 گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن، يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ.

16 سامارىيە قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن چوقۇم جازالىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بالىلىرى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنى يېرىلىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan