ھوشىيا 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ. 2 پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ، ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق، قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ. 3 ياقۇپ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتۇۋالغانىدى، كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ، خۇدا بىلەن چېلىشتى. 4 ئۇ پەرىشتە بىلەن چېلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كەلدى. كېيىن ئۇ يىغلاپ، پەرىشتىدىن بەخت تىلىدى. ئۇ بەيتەلدە خۇدا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەردە خۇدا ھەممىمىز بىلەن پاراڭلاشتى. 5 پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك سەردار خۇدادۇر، ئۇنىڭ نامى «ياھۋەھ»تۇر. 6 شۇڭا سىلەر خۇدايىڭلارنىڭ يولىغا قايتىڭلار، مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ئادالەتلىك بولۇڭلار، ھەمىشە خۇدادىن ئۈمىد كۈتۈڭلار. 7 ئىسرائىلىيە خەلقى سەمىمىيەتسىز سودىگەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار قولىدىكى ساختا تارازا بىلەن باشقىلارنى ئالداشنى ياخشى كۆرىدۇ. 8 ئۇلار ماختىنىپ: «بىز باي بولدۇق، ئۆزىمىزگە تايىنىپ باي بولدۇق، ھېچكىم بىزدىن خاتالىق ياكى گۇناھ تاپالمايدۇ» دەيدۇ. 9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردىن بۇيان، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىدىم. سىلەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چېدىردا تۇرغىنىڭلاردەك، مەن سىلەرنى يەنە چېدىردا تۇرغۇزىمەن. 10 مەن سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق نۇرغۇن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتىم ۋە تەمسىللەرنى سۆزلىدىم.» 11 گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر. ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. 12 ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى. 13 پەرۋەردىگار پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن باشلاپ چىقتى ھەم شۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىدى. 14 لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى پەرۋەردىگارنى قاتتىق رەنجىتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلاردىن قانغا قان ئالىدۇ، خورلۇقنى خورلۇق بىلەن قايتۇرىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti