ھوشىيا 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەنى كەچۈرۈشى 1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل خەلقىنى بالا ۋاقتىدا سۆيدۈم. ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم. 2 مەن خەلقىمنى قانچە چاقىرغانچە، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلاشتى. بائالغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارغا كۈجە كۆيدۈردى. 3 ئىسرائىلىيەگە مېڭىشنى ئۆگەتكىنى مەن ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېتەكلىدىم. ئۇلار شىپالىق بەرگەنلىكىمنى بىلمىدى. 4 مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ئارغامچىسى ۋە مۇھەببەت يىپى بىلەن يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بوشىتىپ، ئۇلارغا غىزا بېرىش ئۈچۈن ئېگىلدىم. 5 لېكىن ئۇلار مىسىرغا قايتۇرۇلىدۇ، ئاسسۇر ئۇلارنى باشقۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدى. 6 قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار يامان نىيەتلىرى سەۋەبىدىن بەربات بولىدۇ. 7 خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن. 8 ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر. 9 مەن سېنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالىمايمەن ھەم سېنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئويلىمايمەن. چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن، ئاراڭلاردىكى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن. مەن غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. 10 بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ. 11 ئۇلار خۇددى مىسىردىن قۇشقاچلاردەك، ئاسسۇردىن كەپتەرلەردەك تىترىگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيەنىڭ ئەيىبلىنىشى 12 ئىسرائىلىيە خەلقى يالغانچىلىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن مېنى قورشىۋالدى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ خۇداغا، يەنى ئىشەنچلىك ۋە مۇقەددەس خۇداغا ئىتائەت قىلمايدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti