Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھوشىيا 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.

2 ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگە تولغاندۇر، ئەمدى ئۇلار جازالىنىشى كېرەك. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن ياسىغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنىمۇ چېقىپ تاشلايدۇ.

3 ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز پەرۋەردىگارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق. پادىشاھىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟» دەيدۇ.

4 ھەقىقەتەن پادىشاھلار يالغان گەپ قىلىدۇ، يالغان قەسەم قىلىدۇ، يالغاندىن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. شۇڭا ئېتىزلاردا زەھەرلىك چۆپلەر كۆپىيىپ كەتكەندەك، دەۋالارمۇ كۆپىيىپ كەتتى.

5 سامارىيەلىكلەر بەيتئاۋەندىكى موزاي بۇتتىن ئەنسىرەيدۇ، موزاي بۇتقا چوقۇنغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ. بۇتپەرەس روھانىيلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ. موزاي بۇتنىڭ شان-شەرىپىدىن خۇرسەن بولغانلار ھازا تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇت ئۇلاردىن ئايرىلىدۇ.

6 ئۇ ئاسسۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ، قۇدرەتلىك ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنىدۇ. ئەفرايىم شەرمەندە بولىدۇ، ئىسرائىلىيە ئۈمىدىنى بۇتقا باغلىغانلىقى ئۈچۈن نومۇستا قالىدۇ.

7 سامارىيەنىڭ پادىشاھى ھالاك بولىدۇ، ئۇ خۇددى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن قۇرغاق شاختەك غايىب بولىدۇ.

8 ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.

9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىبئاھتا بولغان ۋاقىتتىن بۇيان گۇناھ قىلىپ كەلدىڭلار، پەقەت ئۆزگەرمىدىڭلار. ئەجەبا ئۇرۇش بالاسى قايتىدىن گىبئاھقا كەلمەسمۇ؟!

10 مەن خالىغان ۋاقتىمدا سىلەرنى جازالايمەن. ئەللەر بىرلىشىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. قوش گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايدۇ.

11 ئەفرايىم ئۆگىتىلگەن ئىنەكتۇر، خامان تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مانا ئەمدى ئۇنىڭ گۈزەل بوينىغا بويۇنتۇرۇق سالىمەن. يەھۇدىيەنى سوقىغا قېتىپ، ياقۇپنى سۆرەمگە سالىمەن.

12 سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىڭلار، ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەت ھوسۇلى ئېلىڭلار. قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار. ھازىر سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىڭلارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى. مەن كېلىپ، ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنىڭ يامغۇرىنى ياغدۇرىمەن.

13 لېكىن سىلەر رەزىللىك تېرىپ، ئادالەتسىزلىكتىن ھوسۇل ئالدىڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن يولۇڭلاردا ماڭدىڭلار ۋە لەشكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندىڭلار.

14 شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ، بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ. خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربەلنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

15 ئەي بەيتەللىكلەر، سىلەرمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولىسىلەر، چۈنكى رەزىللىكىڭلار چېكىدىن ئاشتى. شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ، ئۇ كۈن تاڭ ئاتقاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan