Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ھوشىيا 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھوشىيانىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى

1 يەھۇدىيەگە ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيالار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ۋە ئىسرائىلىيەگە يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى.

2 پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى.

3 شۇنىڭ بىلەن ھوشىيا دىبلايىمنىڭ قىزى گومەرگە ئۆيلەندى. گومەر ھامىلىدار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.

4 پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «يىزرىئەل» دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى پادىشاھ يېھۇ بۇرۇن يىزرىئەلدە قان تۆككەن. مەن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى جازالايمەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن.

5 ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوقيالىرىنى سۇندۇرىمەن.

6 كېيىن گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ قىزىڭغا «لو-رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىتما»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى مەن ئەمدى ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيمەن.

7 لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.

8 گومەر لو-رۇخامانى ئەمچەكتىن چىقارغاندىن كېيىن، يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.

9 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «لو-ئامى» [مەنىسى «خەلقىم ئەمەس»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى سىلەر ئەمدى مېنىڭ خەلقىم ئەمەس، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئەمەس.

10 لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.

11 ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan