Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


كونا ئەھدە دەۋرىدىكى ئىبادەت

1 كونا ئەھدە دەۋرىدە ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە ئىنسانلار بەرپا قىلغان ئىبادەت جايى بار ئىدى.

2 ئىبادەت جايىدا بىر چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە، شىرە ئۈستىدە بولسا خۇداغا ھەدىيە قىلىنغان نانلار بولاتتى.

3 ئۇ يەردىكى پەردىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس دەپ ئاتالغان يەنە بىر بۆلۈم بار ئىدى.

4 ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.

5 شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار «مېھىر-شەپقەت تەختى» دەپ ئاتالغان ساندۇق ئاغزى ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى مەن بۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.

6 ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، روھانىيلار چېدىرنىڭ «مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان بۆلۈمىگە دائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلاتتى.

7 بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.

8 بۇ ئىبادەت خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن، مۇقەددەس روھ بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىبادەت چېدىرى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى بارلا بولىدىكەن، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول ئاۋام خەلققە ھەرگىز ئېچىلمايتتى.

9 مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن بىر تەجرىبە ساۋاقتۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى پاك ۋىجدانلىق قىلالمايدۇ.

10 ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.

11 لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا گۈزەل ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان باش روھانىي بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، ئەرشتىكى تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى.

12 ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى.

13 كونا ئەھدە دەۋرىدە ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈلى ناپاكلارنىڭ ئۇچىسىغا سېپىلسە، ئۇلار سىرتقى جەھەتتە تازىلىنىپ پاك بولاتتى.

14 ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!

15 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى.

16 ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆلمىگۈچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

17 چۈنكى، ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ.

18 شۇنىڭ ئۈچۈن، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان.

19 مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان مارجانگۈل بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سەپتى.

20 ئاندىن، ئۇ: «بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر. ئۇ خۇدا ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

21 ئۇ يەنە ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردا قۇربانلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى.

22 دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ. قۇربانلىق قېنى تۆكۈلمەي، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

23 شۇ سەۋەبتىن، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئەرشتىكى نەرسىلەر بولسا بۇلاردىن كۆپ ياخشى قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك.

24 شۇڭا، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ بىزگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرشتىكى ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىردى.

25 ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ باش روھانىيسىدەك، يىلمۇيىل قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرگىنى يوق.

26 ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىپ قۇربان بولۇشىغا توغرا كېلەتتى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مانا بۇ ئاخىر زاماندا ئىنسانلارنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى قۇربان قىلدى.

27 ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەن.

28 شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan