ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىباش روھانىيىمىز ئەيسا مەسىھ 1 ئېيتقانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بىر باش روھانىيىمىز بار. 2 ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايدا، يەنى ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا قۇرغان ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلماقتا. 3 ھەربىر باش روھانىي خۇداغا ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ باش روھانىيىمىزمۇ خۇداغا بىرەر نەرسە سۇنۇشى كېرەك ئىدى. 4 ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز روھانىي بولمايتتى. چۈنكى، بۇ يەردە تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە خۇداغا ھەدىيە سۇنىدىغان روھانىيلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر. 5 بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. 6 ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن روھانىيلىق ۋەزىپىسى بولسا باشقا روھانىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. شۇنىڭدەك، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېيىنكى ئەھدە دەسلەپكى ئەھدىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، بۇ ئەھدە تېخىمۇ ياخشى ۋەدىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. 7 ئەگەر دەسلەپكى ئەھدە نۇقسانسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. 8 لېكىن، خۇدا ئۆز خەلقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقلىرى بىلەن يېڭى بىر ئەھدە تۈزىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. 9 بۇ ئەھدە مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۈزگەن ئەھدىدەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەھدەمگە سادىق بولمىدى، شۇڭا، مەنمۇ ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم. 10 ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مۇنداق: قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سالىمەن، قەلبىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 11 ھېچكىمنىڭ ئۆز يۇرتدىشىغا، ئۆز قېرىندىشىغا: ˜پەرۋەردىگارنى تونۇڭلارŒ دەپ ئەقىل ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى، گادايدىن خانغىچە ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ. 12 يامانلىقلىرىنى كەچۈرىمەن، گۇناھلىرىنى كۆڭلۈمدە ساقلىمايمەن.» 13 دېمەك، خۇدا بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىش ئارقىلىق بۇرۇنقىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان نەرسە ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti