Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مالكىسىدىق ھەققىدە

1 مالكىسىدىق سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى ھەم ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى بولۇپ، ئىبراھىم بىرقانچە پادىشاھنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقان چاغدا، ئۇ ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى.

2 ئىبراھىممۇ ئېرىشكەن ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. مالكىسىدىق دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. ئۇ سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، «سالىم پادىشاھى» دېگەننىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر.

3 مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-ئەۋلادى، نەسەبى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا بىرەر خاتىرە يوقتۇر. ئۇ خۇددى خۇدانىڭ ئوغلىدەك مەڭگۈلۈك روھانىيدۇر.

4 مالكىسىدىق نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان.

5 لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن روھانىي بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولۇشىغا قارىماي، تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى كېرەك ئىدى.

6 لېكىن مالكىسىدىققا كەلسەك، ئۇ لاۋىي قەبىلىسىدىن بولمىسىمۇ، ئىبراھىم ئېرىشكەن ئولجىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىبراھىمغا - خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىگە بولغان بىر ئادەمگە بەخت تىلىگەن.

7 شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر.

8 ئوندىن بىر ئۈلۈشنى يىغىدىغان لاۋىي روھانىيلار بەرىبىر ئۆلىدىغانلاردۇر. بىراق، ئىبراھىمدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى قوبۇل قىلغان مالكىسىدىق بولسا مۇقەددەس يازمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىلگەندەك يەنىلا ھاياتتۇر.

9 ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان روھانىي لاۋىيلارمۇ ئەجدادى ئىبراھىم ئارقىلىق مالكىسىدىققا ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن.

10 چۈنكى، مالكىسىدىق ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا لاۋىيلار تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا ئەجدادى ئىبراھىمنىڭ ۋۇجۇدىدا، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

11 ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى روھانىيلىق تۈزۈمى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلەتتى. بىراق، ئەگەر خۇدانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن پاك قىلىش مەقسىتى بۇ روھانىيلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل تۈزۈم ئاساسىدا تەيىنلەنگەن ھارۇندەك تەرتىپتىكى ئەمەس، بەلكى مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى يەنە بىر روھانىينىڭ كېلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى؟

12 روھانىيلىق تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەچكە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق تۈزۈمىمۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ.

13 بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر دەل ئەيسا مەسىھكە قارىتىلغان. ئۇ باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان.

14 رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنىدى.


ئەيسا مەسىھ مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى روھانىيدۇر

15 مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى باشقا بىر روھانىينىڭ مەيدانغا كېلىشى روھانىيلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇردى.

16 ئۇنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىشى بولسا پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتلىق قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپ، ھەرگىز روھانىي بولغۇچى لاۋىي قەبىلىسىگە تەۋە بولۇش كېرەك دېگەن تۈزۈم بويىچە بولمىدى.

17 بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «سەن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن.

18 ئالدىنقى تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە پايدىسىزلىقى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدى.

19 چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ھېچ كىشىنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد بېرىلدى.

20 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈمىد خۇدانىڭ قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئىلگىرى ئۆتكەن روھانىيلار خۇدانىڭ قەسىمىسىز روھانىي بولغانىدى.

21 لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىڭ قەسەم قىلدى، ئۇ قەسىمىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، سەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دېگەن قەسىمى بىلەن روھانىي بولدى.

22 دېمەك، ئەيسا مەسىھ تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى.

23 يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كۆپ روھانىيلار ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاچقا، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرى چىققان.

24 لېكىن، ئەيسا مەسىھ مەڭگۈ ھايات بولغاچقا، ئۇنىڭ روھانىيلىقى مەڭگۈلۈكتۇر.

25 شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

26 ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.

27 ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.

28 تەۋرات قانۇنى ئاجىز بولغان ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلىنى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan