ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى ۋەدە 1 بىراق، خۇدانىڭ ئاراملىقىدىن بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى بىز ئۈچۈن ئىناۋەتلىكتۇر. شۇڭا، ئارىمىزدىكى بىرەرسىنىڭمۇ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلايلى. 2 خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. 3 بىز ئېتىقادچىلار بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. لېكىن، ئىشەنمىگەنلەرگە كەلسەك، دەل خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «شۇڭا، غەزەپلەنگىنىمدە قەسەم قىلغىنىمدەك، ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ.» خۇدا دۇنيانى ياراتقاندىلا، ھەممە ئىشنى تاماملىغانىدى. 4 چۈنكى، يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ ئارام ئالدى.» دېمەك، خۇدانىڭ ئاراملىقى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت ئىدى. 5 بىراق، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ» دېگەن. 6 بۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانىڭ ئاراملىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالمىدى. لېكىن، بۇ ئاراملىقتىن چوقۇم بەھرىمەن بولالايدىغانلار بار. 7 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، بۇرۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى داۋۇت پادىشاھ ئارقىلىق زەبۇردا يەنە ئېيتقان: «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، جاھىللىق قىلماڭلار.» 8 ئەگەر خۇدانىڭ ئاراملىقى ئەجدادىمىز يەشۇ ئىسرائىللارنى خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانان زېمىنىغا باشلاپ كىرگەندىكى ئاراملىق بولسىدى، خۇدا كېيىن يەنە ئاراملىق ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن» دېمىگەن بولاتتى. 9 قىسقىسى، خۇدانىڭ يەتتىنچى كۈنىدىكى ئاراملىقى خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىنى كۈتۈۋاتىدۇ. 10 خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا دۇنيانى يارىتىش ئىشىدىن ئارام ئالغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. 11 شۇڭا، خۇداغا ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، يىقىلىپ چۈشمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشايلى. 12 خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك سۆزدۇر. ئۇ ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولۇپ، جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك ئۆتكۈرلۈك بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ. 13 خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر. باش روھانىيىمىز ئەيسا مەسىھ 14 خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىز بولغاچقا، ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. 15 چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر. 16 شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti