Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەيسا مەسىھ مۇسا پەيغەمبەردىن ئۈستۈن

1 شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان، خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان، خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار.

2 خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغان خۇداغا سادىق بولدى.

3 لېكىن، ئۆي سالغۇچى ئۆزى سالغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق ماختىنىشقا سازاۋەر بولغىنىدەك، ئەيسا مەسىھمۇ مۇسا پەيغەمبەردىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر.

4 ئەلۋەتتە، ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر.

5 مۇسا پەيغەمبەر بىر خىزمەتكار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا خۇدانىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلىماقچى بولغان ھەقىقەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى.

6 لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا ئوغۇل بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىنى سادىقلىق بىلەن باشقۇردى. ئەگەر بىز جاسارىتىمىزنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز.


ئېتىقادسىزلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

7-8 شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە چۆلدە ئۇنى سىنىغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.

9 گەرچە ئەجدادلىرىڭلار قىلغانلىرىمنى ئۇدا قىرىق يىلغىچە كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا مېنىڭ سەۋر-تاقىتىمنى سىنىغانىدى.

10 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرىگە غەزەپلەندىم ۋە دېدىمكى: ˜ئۇلارنىڭ قەلبى مەندىن يىراق. مېنىڭ يولۇمنى چۈشەنمەيدۇ.

11 شۇڭا، غەزەپلەنگىنىمدە قەسەم قىلغىنىمدەك، ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىزمۇ بەھرىمەن بولالمايدۇ.Œ»

12 ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.

13 ھېچقايسىڭلارنىڭ قەلبىنىڭ گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن جاھىللاشماسلىقى ئۈچۈن، «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، بىر-بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار.

14 دەسلەپتىكى ئىشەنچىمىزنى بوشاشتۇرماي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساقلا، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.

15 يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.»

16 خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلار كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەر غەلىبىلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئاشۇ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئەمەسمۇ؟

17 خۇدا قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟

18 خۇدا كىملەرنى ئۆز ئاراملىقىدىن بەھرىمەن قىلماسلىققا قەسەم قىلدى؟ خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟

19 بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلار ئېتىقادسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئاراملىقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan