Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدا ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەيدۇ

1 بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ كىشىلەر خۇددى گۇۋاھچىلاردەك ئەتراپىمىزدا بولغانىكەن، بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل ئىشلاردىن ۋە بىزنى چىرمىۋالغان گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ ئۆتەيلى.

2 كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.

3 روھىڭلار چۈشۈپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە خورلاشلىرىغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار.

4 گۇناھقا قارشى كۈرىشىڭلاردا تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار.

5 خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ «پەرزەنتىم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما،

6 چۈنكى، پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ، پەرزەنتىم دەپ قوبۇل قىلغانلارنى چىۋىقلايدۇ.»

7 ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى پەرزەنتىم دەپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمىسۇن؟

8 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن تەربىيىلىنىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئالىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم بولساڭلار، ھەقىقىي پەرزەنتكە ئەمەس، بەلكى ئاتا تەربىيىسى كۆرمىگەن ھارامدىن بولغان پەرزەنتكە ئوخشاپ قالىسىلەر.

9 يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىزنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلىپ، ياشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟

10 يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىز بىزنى پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ۋاقىتلىق تەربىيىلەيدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ تەربىيىسى ھەمىشە بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇ بىزنى ئۆز پاكلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ.

11 قاتتىق تەربىيە بىلەن تۈزىتىلگەن ئادەم تۈزىتىش بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولمايدۇ، كۆڭلى بۇزۇلىدۇ. بىراق، كېيىن ئۇ بۇنداق تۈزىتىش بىلەن تاۋلىنىپ، ئامانلىق ۋە ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدۇ.

12 شۇنىڭ ئۈچۈن، تالغان قولۇڭلارغا مەدەت بېرىپ، پۈكۈلگەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار.

13 سىلەرگە ئەگەشكەن «ئاقساق»لارنىڭ يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ماڭغان يولۇڭلار تۈز بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر.


ئېھتىيات بىلەن ياشاڭلار

14 كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ.

15 دىققەت قىلىڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن. سىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە كۆپچىلىكنى زەھەرلەيدىغان، ئاداۋەتنىڭ گىياھى ئاراڭلاردا يىلتىز تارتمىسۇن.

16 ھېچكىم جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن ياكى تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا ساتقان ئەساۋغا ئوخشاش، خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلمىسۇن.

17 سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىسىمۇ، رەت قىلىندى. ئۇ پۇشايمان قىلىپ، دۇئا ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، كېچىككەنىدى.

18 سىلەر ئىسرائىللار تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە قارا بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق، قارا بوران قاپلىغان سىناي تېغىغا كەلمىدىڭلار.

19 ئۇ جايدا چاقىرىق كانىيىنىڭ ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغانلار: «بۇنداق سۆزلەر ئەمدى بىزگە ئېيتىلمىسىكەن!» دەپ خۇداغا يالۋۇرغانىدى.

20 چۈنكى، «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋان يېقىن كەلسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دېگەن ئەمر ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەنىدى.

21 ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، ھەتتا مۇسا پەيغەمبەرمۇ: «بەك قورقۇپ تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى.

22 سىلەر سىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا تەئەللۇق - ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا كەلدىڭلار. ئۇ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەر يىغىلغان،

23 ئىسىملىرى ئەرشتە يېزىلغان تۇنجى تۇغۇلغانلار جەم بولىدىغان، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سوراقچىسى خۇدا بار بولغان، كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرى مەۋجۇت بولغان،

24 يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنى بولغان جايدۇر. بۇ سېپىلگەن قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا، گۇناھلارنى كەچۈردۈم، دەپ كاپالەت بېرىدۇ.

25 سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟

26 خۇدا سىناي تېغىدىن سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ ئاۋازى زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. لېكىن، ئەمدى ئۇ: «يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى.

27 «يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز زىلزىلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ زىلزىلە بىلەن يوقىتىلىپ، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلارنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىشىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

28 شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى.

29 چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan