ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئوغۇل پەرىشتىلەردىن ئۈستۈندۇر 1 قەدىمكى زامانلاردا، خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر خىل يوللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلىگەنىدى. 2 مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا بىزگە ئۆز ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. خۇدا كائىناتنى ئوغلى ئارقىلىق ياراتتى ۋە ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكىتتى. 3 ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 4 دېمەك، ئوغۇلغا بېرىلگەن مەرتىۋە پەرىشتىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغىنىدەك، ئوغۇلنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلاردىن كۆپ ئۈستۈندۇر. 5 چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن مەن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.» بۇ سۆزنى خۇدا ھەرقانداق بىر پەرىشتىسىگە دېگەن ئەمەس، شۇنداقلا خۇدا يەنە ھېچقانداق بىر پەرىشتە توغرۇلۇق: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ.» دېگەنمۇ ئەمەس. 6 ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق بىردىنبىر ئوغلىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «پۈتكۈل پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن. 7 خۇدا پەرىشتىلەر ھەققىدە: «خۇدا خىزمەتكارلىرى بولغان ئۆز پەرىشتىلىرىنى شامال ھەم ئوت يالقۇنى قىلار» دېگەن بولسا، 8 ئوغلىغا: «سەن خۇداسەن، تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر. سەن ئادىللىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزىسەن. 9 ھەققانىيەتنى سۆيدۈڭ، ناھەقلىقتىن نەپرەتلەندىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا - سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان-شۆھرەت ۋە پەخرىي شادلىقى ھەمراھلىرىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر» دېگەن. 10 خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى رەب، سەن ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئاساسىنى سالدىڭ، ئاسمانمۇ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ ئىجادىيىتىدۇر. 11 ئۇلار يوقىلىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ يوقالمايسەن. ئاسمان-زېمىن كىيىم-كېچەكتەك كونىرايدۇ. 12 ئۇلارنى خۇددى كونا چاپاننى يىغىشتۇرغاندەك پۈرلەپ يىغىشتۇرىسەن. كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك، ئاسمان-زېمىنمۇ يەڭگۈشلىنىدۇ. لېكىن، سەن ئەسلا ئۆزگەرمەيسەن. ھاياتلىقىڭ ئاخىرلاشمايدۇ.» 13 خۇدا ئۆز ئوغلىغا دېگەن مۇنۇ سۆزنى پەرىشتىلەرنىڭ بىرەرسىگە دەپ باققان ئەمەس: «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» 14 شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti