خاباقۇق 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 مەن كۆزىتىش مۇنارىدا كۆزەتچىلىك، سېپىلدا قاراۋۇللۇق قىلىمەن. قاراپ باققاي، پەرۋەردىگار ماڭا قانداق جاۋاب بېرەركىن. پەرۋەردىگار قىلغان شىكايىتىمگە جاۋاب بەرگەندە، ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى ئويلاپ كۆرىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىككىنچى جاۋابى 2 پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ساڭا ئايان قىلغانلىرىمنى خاتىرىلىۋالغىن! ئۇنى تاش تاختىغا ئېنىق قىلىپ پۈتۈۋالغىن! جاكارچى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپمۇ، ئۇنى ئاسان ئوقۇيالايدىغان بولسۇن! 3 چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە بولۇپ، ھەرگىز يالغان چىقمايدۇ. گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن. ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەرگىز كېچىكمەيدۇ. 4 سۆزلىرىم شۇكى: ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەمگە قارا، ئۇنىڭ نىيىتى دۇرۇس ئەمەس. لېكىن ھەققانىيلار خۇداغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ياشايدۇ. 5 شاراب ئادەم ئالدايدۇ. ھاكاۋۇر ئادەم ھېچقاچان جىم تۇرمايدۇ. ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆردەك ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىدەك ئاچ كۆزدۇر. ئۇ بارلىق ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. 6 لېكىن بۇ ئەللەر بويسۇندۇرغۇچىنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، بايلىق يىغقانلار، ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار! بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟› 7 لېكىن سىلەر بويسۇندۇرغان ئەللەر تۇيۇقسىز قەرز ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار قوزغالسا، سىلەر تىترەيسىلەر. ئۇ چاغدا سىلەر ئۇلارنىڭ ئولجىسى بولىسىلەر. 8 چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار. 9 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار! 10 ئۆزۈڭلارنىڭ سۇيىقەستى ئۆز نامىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ. سىلەر نۇرغۇن خەلقلەرنى يوقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىسىلەر. 11 ھەتتا ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىدىكى تاشلارمۇ سىلەرگە قارشى ۋارقىرىشىدۇ، تورۇستىكى ياغاچ لىملارمۇ سىلەرگە قارشى ئەكس سادا ياڭرىتىدۇ. 12 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قان تۆكۈش بەدىلىگە شەھەر قۇرغانلار، رەزىللىك بىلەن شەھەر بەرپا قىلغانلار! 13 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟ 14 خۇددى دېڭىز سۇغا تولغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى بىلىمگە تولىدۇ. 15 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قوشنا ئەللەرگە شاراب ئىچكۈزگەنلەر! سىلەر ئۇلارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلۇملاپ شاراب ئىچكۈزدۈڭلار. 16 سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر. نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ. 17 سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر! سىلەر ياۋايى ھايۋانلارنى قىردىڭلار، ئەمدى ياۋايى ھايۋانلارنى سىلەرنى دەھشەتكە سالىدۇ! چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار. 18 بۇتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟ ئۇنى ئادەم ئويۇپ چىققانغۇ! قۇيما بۇت يالغانچىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆزى ياسىۋالغان، گەپ قىلالمايدىغان بۇتقا چوقۇنۇش نېمىدېگەن ئەخمەقلىق-ھە! 19 ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟ قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ! 20 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەرگاھىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا جىم تۇرسۇن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti