Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

خاباقۇق 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ خاباقۇق پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋەھىيدۇر.


خاباقۇقنىڭ نالە قىلىشى

2 ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە نالە قىلسام، قۇلاق سالارسەن؟ «زوراۋانلىق بولۇۋاتىدۇ!» دەپ چاقىرساممۇ، قۇتقۇزمامسەن؟

3 نېمە ئۈچۈن مېنى شۇنچىۋالا ناھەقچىلىكنى كۆرۈشكە زورلايسەن؟ نېمە ئۈچۈن يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ، پەرۋا قىلمايسەن؟ قاياققا قارىسام، كۆرگىنىم ۋەيرانچىلىق ۋە زوراۋانلىق، ھەممە يەردە جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-تالاش.

4 قانۇن كۈچىنى يوقاتقان، ئادالەتمۇ يوقالغان. رەزىللەر ھەققانىيلارنى قورشىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ناھەق ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى

5 يات ئەللەرگە نەزەر سېلىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلاپ قاراپ بېقىڭلار! كۆرگەنلىرىڭلاردىن ھەيران قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، سىلەر ئاڭلاپمۇ، ئىشەنمەيسىلەر.

6 مانا، مەن رەھىمسىز ۋە قىزىققان بابىل خەلقىنى كۈچەيتمەكچىمەن. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، باشقىلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ.

7 ئۇلار قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي خەلقتۇر. ئۇلار ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، قانداق خالىسا، شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

8 ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.

9 ئۇلار پەقەت زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى قۇملۇقتىكى بوراندەك باستۇرۇپ كېلىپ، قۇمدەك ھېسابسىز كىشىلەرنى ئەسىر ئالىدۇ.

10 ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.

11 ئۇلار خۇددى شىددەتلىك بوراندەك تېز كېلىدۇ ۋە تېز كېتىدۇ، بۇ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ «ئىلاھى» ئۆزلىرىنىڭ كۈچلىرىدۇر.


خاباقۇقنىڭ يەنە نالە قىلىشى

12 ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟

13 كۆزلىرىڭ شۇنچىلىك پاككى، رەزىللىككە قاراپ تۇرالمايسەن، يامانلىققا چىداپ تۇرالمايسەن. شۇنداق ئىكەن، سەن نېمە ئۈچۈن بۇ مەككارلارغا چىداپ تۇرىسەن؟ ھەققانىيلار رەزىللەرگە يەم بولۇۋاتسا، نېمىشقا جىم تۇرىسەن؟

14 سەن ئىنسانلارنى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، باشلامچىسى يوق دېڭىز مەخلۇقلىرىدەك قىلىپ قويدۇڭ.

15 بابىللىقلار ئۇلارنى قارماق بىلەن تۇتىدۇ، تور تاشلاپ، سۈزۈۋالىدۇ، تورنى تارتقاندا، خۇشال بولۇپ، شادلىنىدۇ.

16 شۇنداق قىلىپ، بابىللىقلار ئۆز تورىغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدۇ. تورىغا ئاتاپ، كۈجە كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ تورلىرى بىلەن باياشات ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ تائاملىرى ناھايىتى مولدۇر.

17 ئۇلار قاچانغىچە تورىنى تاشلاپ، ئەللەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan