ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىشى 1 يۈسۈپ ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، خىزمەتكارلىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ تۇرۇشىنى بۇيرۇدى. ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى. 2 شۇ چاغدا ئۇ شۇنداق قاتتىق يىغلىدىكى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ ئاڭلىدى. بۇ خەۋەر تېزدىن پىرئەۋننىڭ ئوردىسغىمۇ يېتىپ باردى. 3 يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: _ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟ بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىدىن گەپ قىلىشالماي تۇرۇشۇپلا قالدى. 4 يۈسۈپ ئۇلارغا: _ يېقىنراق كېلىڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 5 لېكىن سىلەر بۇ ئىشىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار ھەم ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەپمۇ يۈرمەڭلار. مېنى خۇدا خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى. 6 بۇ يەردىكى قەھەتچىلىككە ئەمدى ئىككى يىل بولدى. يەنە بەش يىلغىچە تېرىقچىلىق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. 7 شۇڭا سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ۋە نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ، مېنى بۇ يەرگە سىلەردىن ئاۋۋال ئەۋەتتى. 8 دېمەك، مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتكەن سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پىرئەۋننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى. 9 سىلەر ئاتامنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئوغلىڭىز يۈسۈپ: ‹خۇدا مېنى پۈتۈن مىسىر دۆلىتىنىڭ باش ۋەزىرى قىلىپ تىكلىدى. سىز ئەمدى كېچىكمەي، بۇ يەرگە تېزدىن يېتىپ كېلىڭ. 10 ئوغۇل-قىزلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىز، چارۋا ماللىرىڭىز ۋە باشقا پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى ئېلىپ، گوشەن رايونىغا كېلىڭ ۋە ماڭا يېقىن ئولتۇرۇڭ. 11 چۈنكى قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ. مەن سىزنى باقىمەن. مەن پۈتۈن ئائىلىڭىز ۋە چارۋا ماللىرىڭىزنىڭ ئاچارچىلىق يىللىرىدا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمەن› دېدى» دەڭلار، _ دېدى. 12 يۈسۈپ يەنە: _ مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ كۆردۈڭ. 13 ئاتامغا مىسىردىكى ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئېيتىڭلار ۋە كۆرگىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ، ئۇنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. 14 ئۇ ئىنىسى بىنيامىننى قۇچاقلاپ، يەنە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدى. 15 ئاندىن ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. 16 يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن ۋە خىزمەتكارلىرى ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. 17 پىرئەۋن يۈسۈپكە: _ قېرىنداشلىرىڭغا ئېيت، ئۇلار ئۇلاغلىرىغا دەرھال مال ئارتىپ، كەنئانغا قايتىپ بېرىپ، 18 ئاتاڭ بىلەن بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسۇن. مەن ئۇلارغا مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنىنى بېرىمەن. ئۇلار بۇ يەردە باياشات تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولسۇن. 19 ئۇلارغا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار ئاتاڭنى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىردىن ھارۋا ئالغاچ كەتسۇن. 20 ئۇلار ئۇ يەردىكى مال-مۈلۈكلىرىنى ئويلىمىسۇن، چۈنكى مىسىر زېمىنىنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرى ئۇلارنىڭ بولىدۇ، _ دېدى. 21 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بۇ سۆزگە بىنائەن ئىش قىلدى. يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارغا ھارۋا ۋە يولغا يېتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بەردى. 22 ئۇ يەنە ھەربىر ئاكىسىغا بىر قۇردىن يېڭى كىيىم سوۋغا قىلدى. بىنيامىنغا بولسا بەش قۇر كىيىم بىلەن ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە بەردى. 23 ئۇ ئاتىسىغا ئون ھاڭگا ئېشەككە مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىنى، يەنە ئون مادا ئېشەككە ئاتىسىنىڭ مىسىرغا كېلىش يولىدا ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن ئاشلىق، نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئارتىپ بەردى. 24 ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا ئۇلارغا يولدا جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقنى تاپىلىدى. 25 ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، كەنئانغا، يەنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. 26 ئۇلار ئاتىسىغا: _ يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! _ دېدى. ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 27 لېكىن ئۇ ئۇلاردىن يۈسۈپنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەمدە يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلىرىنى كۆرۈپ، ئەس-ھوشىغا كەلدى. 28 ئۇ: _ ئىشەندىم، ئوغلۇم يۈسۈپنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەندىم! كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بېرىپ ئۇنى كۆرەي! _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti