ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيۈسۈپنىڭ تۈرمىداشلىرىنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشى 1 مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوردىنىڭ باش ساقىيى بىلەن باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھى، يەنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى. 2 پىرئەۋن غەزەپلىنىپ، 3 بۇ ئىككى يۇقىرى ئەمەلدارنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا، يەنى يۈسۈپ قامالغان زىندانغا قامىدى. 4 ئۇلار زىنداندا بىرمەزگىل ياتتى. ياساۋۇل بېگى يۈسۈپنى بۇ ئىككى ئەمەلدارنى كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. 5 بىر كۈنى كېچىدە باش ساقىي بىلەن باش ناۋاي چۈش كۆردى. ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. 6 ئەتىسى ئەتىگەندە يۈسۈپ ئۇلارنى يوقلاپ كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى كۆردى. 7 ئۇ ئۇلاردىن: _ سىلەر بۈگۈن نېمانچىلا پەرىشان؟ _ دەپ سورىدى. 8 ئۇلار: _ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا: _ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى. 9 شۇنىڭ بىلەن باش ساقىي چۈشىنى ئېيتىپ بەردى: _ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى تۇرۇپتىمىش. 10 كۆچەتتە ئۈچ تال يۇمران شاخ بولۇپ، ئۇلار بىخلاپ، چېچەكلەپ، ئۈزۈم چۈشۈپ، ئۈزۈم پىشىپتىمىش. 11 قولۇمدا پىرئەۋننىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پىرئەۋنگە سۇنۇپتىمىشمەن. 12 يۈسۈپ مۇنداق دېدى: _ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ يۇمران شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 13 ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پىرئەۋنگە بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز. 14 ئەمما ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پىرئەۋن ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز. 15 مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق. 16 باش ساقىينىڭ چۈشىگە ياخشى تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باش ناۋاي يۈسۈپكە مۇنداق دېدى: _ مەنمۇ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بېشىمدا ئۈچ سېۋەتتە نان بارمىش. 17 ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە ھەر خىل ئۇندا پىشۇرۇلغان پىرئەۋن يەيدىغان نانلار بارمىش. لېكىن ئۇلارنى ئۇچار قاناتلار يەۋاتقۇدەكمىش. 18 يۈسۈپ مۇنداق دېدى: _ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 19 ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى ياغاچقا سانجىپ قويىدىكەن، تېنىڭىز قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولىدىكەن. 20 ئۈچىنچى كۈنى پىرئەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقارتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. 21 ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 22 باش ناۋاينى ئۆلتۈرگۈزۈپ، جەسىتىنى خادىغا سانجىتىپ قويدى. بۇ ئىشلار دەل يۈسۈپنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. 23 لېكىن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti