Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يەھۇدا بىلەن تامار

1 شۇ كۈنلەردە يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئادۇللام يېزىسىدىكى خىراھ دېگەن كىشىنىڭ يېنىغا چۈشتى.

2 يەھۇدا ئۇ يەردە كەنئانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى.

3 ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. يەھۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېر قويدى.

4 ئايالى يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئونان قويدى.

5 كېيىن ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شېلاھ قويدى. شېلاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كىزىب دېگەن يەردە ئىدى.

6 يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى.

7 ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل دەپ قارالغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

8 بۇ چاغدا يەھۇدا ئوغلى ئونانغا: _ سەن بېرىپ يەڭگەڭنى ئەمرىڭگە ئېلىپ، ئاكاڭنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇر. بۇ سېنىڭ بۇرچۇڭ، _ دېدى.

9 لېكىن ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى سىرتقا ئاقتۇرۇۋېتەتتى.

10 ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى پەرۋەردىگار رەزىللىك دەپ قارىغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.

11 ئاندىن يەھۇدا كېلىنى تامارغا: _ ئوغلۇم شېلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۇرمۇشقا چىقماي تۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شېلاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

12 بىرقانچە يىللاردىن كېيىن يەھۇدانىڭ ئايالى، يەنى شۇئانىڭ قىزى ئالەمدىن ئۆتتى. قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ ئادۇللاملىق دوستى خىراھ بىلەن بىرگە تىمناھ دېگەن يەرگە باردى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى قوي قىرقىۋاتاتتى.

13 بىرەيلەن تامارغا قېيناتىسى يەھۇدانىڭ تىمناھ دېگەن يەرگە قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

14 شۇڭا تامار تۇل خوتۇنلۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، تىمناھقا بارىدىغان يول ئۈستىدىكى ئېنايىم شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇردى. چۈنكى ئۇ يەھۇدانىڭ كىچىك ئوغلى شېلاھ چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەھۇدانىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

15 تامار يۈزىنى يېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدا ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنى پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى.

16 شۇڭا يەھۇدا يول قىرىدا ئولتۇرغان ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا باردى. چۈنكى يەھۇدا ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. يەھۇدا ئۇنىڭغا: _ يۈر، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات؟ _ دېدى. _ مەن سىز بىلەن بىر ئورۇندا ياتسام، ماڭا نېمە بېرىسىز؟ _ دېدى تامار.

17 _ بىر ئوغلاق ئەۋەتىپ بېرىمەن، _ دېدى يەھۇدا. _ بولىدۇ، ئوغلىقىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرگۈچە، بىرەر نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ قويۇڭ، _ دېدى تامار.

18 _ گۆرۈگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ. _ بوينىڭىزغا ئېسىۋالغان مۆھرىڭىز بىلەن قولىڭىزدىكى ھاسىڭىزنى، _ دېدى تامار. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تامارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى، تامار ھامىلىدار بولدى.

19 تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىملىرىنى قايتا كىيىۋالدى.

20 يەھۇدا ئادۇللاملىق دوستى خىراھنى ئۇ ئايالغا بىر ئوغلاق ئاپىرىپ بېرىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. لېكىن خىراھ ئۇنى تاپالمىدى.

21 خىراھ ئېنايىم شەھىرىدىكى كىشىلەردىن: _ بۇرۇن يول بويىدا تۇرغان ھېلىقى پاھىشە ئايال نەگە كەتتى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بۇ يەردە پاھىشە ئايال زادىلا بولۇپ باقمىغان، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

22 خىراھ يەھۇدانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ يەرلىك كىشىلەر: «بۇ يەردە پاھىشە ئايال بولۇپ باققان ئەمەس!» دېيىشىدۇ، _ دېدى.

23 يەھۇدا ئۇنىڭغا: _ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئالسا ئالسۇن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايلى. ھەر ھالدا مەن ئوغلاقنى ئەۋەتتىم. بىراق سەن ئۇنى تاپالماپسەن، _ دېدى.

24 تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا: _ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى. _ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.

25 تامار ئۆيدىن ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۇ قېيىنئاتىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ: _ مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدىن ھامىلىدار بولدۇم. قاراپ بېقىڭ! بۇ مۆھۈر ۋە ھاسا كىمنىڭ؟ _ دېدى.

26 يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ: _ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شېلاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.

27 تامار تۇغۇۋاتقاندا، بالىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

28 ئالدى بىلەن بىر بالىنىڭ بىر قولى چىقتى. تۇغۇت ئانىسى بۇ قولغا قىزىل يىپ باغلاپ قويۇپ: _ بۇ ئاۋۋال تۇغۇلغىنى، _ دېدى.

29 لېكىن بۇ بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا تۇغۇت ئانىسى: _ سەن مۇشۇنداق تالىشىپ چىقتىڭ؟ _ دېدى. شۇڭا بالىغا پەرەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ ئىسىم قويۇلدى.

30 كەينىدىن قىزىل يىپ باغلاپ قويۇلغىنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ قولىغا قىپقىزىل يىپ باغلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەراخ [مەنىسى «قىپقىزىل»] دەپ ئىسىم قويۇلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan