Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن ئۇچرىشىشى

1 ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى توقىلىغا بۆلۈپ بەردى.

2 ئۇ ئىككى توقىلىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى.

3 ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ، يەتتە قېتىم تەزىم قىلدى.

4 ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى.

5 ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: _ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ياقۇپ: _ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى ئاتا قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

6 ئاندىن ئىككى توقىلى بالىلىرىنى باشلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەساۋغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

7 كەينىدىن لېياھ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاخىردا يۈسۈپ بىلەن راھىلەمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

8 ئەساۋ يەنە: _ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.

9 بىراق ئەساۋ: _ ئۇكام، مېنىڭ توققۇزۇم تەل. بۇ نەرسىلەر ئۆزۈڭدە قالسۇن، _ دېدى.

10 _ ياق، ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا. سىلى مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىلا، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

11 مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.

12 _ ئەمىسە ماڭايلى، مەن سەن بىلەن بىللە ماڭاي، _ دېدى ئەساۋ.

13 بىراق ياقۇپ: _ سىلى بىلىلا، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، موزاي، قوزىلارمۇ تېخى سۈتتىن ئايرىلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر بىز يەنە بىر كۈنلا ماڭساق، ھەممە كالا، قويلىرىمىز ھالاك بولىدۇ.

14 شۇڭا سىلى ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇرسىلا. چارۋا ماللار ۋە بالىلار قانچىلىك ماڭالىسا، مەنمۇ شۇنچىلىك ماڭاي. سىلى بىلەن سەئىردە كۆرۈشەيلى، _ دېدى.

15 _ ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرقانچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، _ دېدى ئەساۋ. لېكىن ياقۇپ: _ ھاجىتى يوق، سىلىنىڭ مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا كۇپايە، _ دېدى.

16 شۇنىڭ بىلەن ئەساۋ شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپ، سەئىرگە قايتتى.

17 لېكىن ياقۇپ باشقا يەرگە باردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە ئۆي، ماللىرىغا لاپاس سالدى. شۇڭا بۇ يەرنىڭ نامى سۇككوت [مەنىسى «لاپاس»] دەپ ئاتالدى.

18 دېمەك، ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى.

19 ئۇ بۇ يەرنى ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغانىدى. (شەكەم خامورنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.)

20 ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan