ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىدىن قېچىشى 1 ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزنىڭ مال-مۈلكى ئىدى!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. 2 ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى. 3 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى. 4 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ راھىلە بىلەن لېياھقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزى قوي بېقىۋاتقان يەرگە چاقىرىپ ئەكەلدۈردى. 5 ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئاتاڭلارنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. لېكىن ئاتام ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولۇپ كەلمەكتە. 6 سىلەرگە مەلۇمكى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتاڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. 7 لېكىن ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمىدى. 8 ئاتاڭلار ماڭا: «چىپار قوي ۋە ئۆچكىلەر سېنىڭ ئىش ھەققىڭ بولسۇن» دېگەندە، ئۇلار چىپار قوزا ۋە ئوغلاق تۇغدى، «تاغىل قوي ۋە ئۆچكىلەر سېنىڭ ئىش ھەققىڭ بولسۇن» دېگەندە، ئۇلار تاغىل قوزا ۋە ئوغلاق تۇغدى. 9 شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى ماڭا ئېلىپ بەردى. 10 بىر قېتىم قويلار جۈپلىشىدىغان مەزگىلدە، بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە جۈپلىشىۋاتقان تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل، چىپار ياكى ئالا ئىكەن. 11 خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم. 12 ئۇ: «قارا، جۈپلىشىۋاتقان تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل، چىپار ياكى ئالادۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن شۇنداق قىلدىم، چۈنكى لاباننىڭ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردۇم. 13 مەن بەيتەلدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدادۇرمەن. سەن ئۇ يەردە بىر تاشنى ماڭا ئاتاپ، خاتىرە قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ قۇيدۇڭ ۋە ئۇ يەردە ماڭا قەسەم بەردىڭ. ئەمدى سەن ئۆز يۇرتۇڭغا قايتىپ كېتىشكە ھازىرلان!» دېدى. 14 راھىلە بىلەن لېياھ ياقۇپقا مۇنداق دېدى: _ بىز بەرىبىر ئاتىمىزدىن مىراس ئالالمايمىز. 15 ئۇ بىزنى تالانىڭ ئادىمى، دەپ قارايدۇ. ئۇ بىزنى ساتتى ۋە بىزنىڭ تويلۇقىمىزنىمۇ يەپ كەتتى. 16 خۇدا بىزنىڭ ئاتىمىزدىن سىزگە ئېلىپ بەرگەن بايلىق ئەسلى ئاتىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزگە ۋە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە مەنسۇپتۇر. خۇدا سىزگە نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلىڭ! 17-18 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كەنئانغا، يەنى ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا ھازىرلاندى. ئۇ ئاياللىرى، بالا-چاقىلىرىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، پۈتۈن مال-ۋارانلىرىنى ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ پاددان-ئاررامدا توپلىغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. 19 راھىلە ئاتىسى لاباننىڭ قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ خانىسىدىكى بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانىدى. 20 ياقۇپ لابانغا ئۇقتۇرماي ئوغرىلىقچە يولغا چىقتى. 21 ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئېلىپ، فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گىلئاد ئېدىرلىقىغا قاراپ ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتى. لاباننىڭ ياقۇپنى قوغلىشى 22 ئۈچ كۈندىن كېيىن لابانغا ياقۇپنىڭ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. 23 ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپنى قوغلىدى ھەمدە يەتتە كۈندىن كېيىن گىلئاد تاغلىق رايونىدا ئۇنىڭغا يېتىشتى. 24 شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ياقۇپنىڭ چىشىغا تەگمە» دېدى. 25 ياقۇپ چېدىرىنى گىلئاد تاغلىق رايونىغا تىككەنىدى. لابان ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىمۇ ياقۇپقا يېتىشىپ، چېدىرلىرىنى شۇ ئەتراپقا تىكتى. 26 لابان ياقۇپقا: _ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئەسىرگە ئوخشاش ئېلىپ كەتتىڭ؟ 27 نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلماي، ئوغرىلىقچە قاچتىڭ؟ ئەگەر سەن ماڭا دېگەن بولساڭ، مەن سېنى چوقۇم داپ ۋە لىرا چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ 28 ئەڭ بولمىغاندا، ماڭا نەۋرىلىرىم بىلەن قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەپسەن. بەكمۇ ئەخمەقلىق قىلىپسەن! 29 ئەسلىدە ئەدىبىڭنى بېرىدىغان كۈچۈممۇ بار ئىدى. لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنىڭ چىشىڭغا تەگمەسلىكىمنى ئېيتتى. 30 مەن ئۆز يۇرتۇڭنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئائىلەڭگە قايتماقچى بولغانلىقىڭنى چۈشىنىمەن. لېكىن مېنىڭ بۇتلىرىمنى نېمىشقا ئوغرىلاپ قاچتىڭ؟ _ دېدى. 31 ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن سىزنىڭ قىزلىرىڭىزنى مەندىن زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشىڭىزدىن قورقۇپ قاچقانىدىم. 32 لېكىن بۇتلىرىڭىز كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ ئۆلتۈرۈلسۇن! قېرىنداشلىرىمىز گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەگەر سىز يېنىمىزدىن سىزگە تەۋە نېمە تاپسىڭىز، شۇنى ئېلىۋېرىڭ، _ دېدى. چۈنكى ياقۇپ راھىلەنىڭ ئاتىسى لاباننىڭ بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى. 33 لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. كېيىن لېياھ ۋە ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. بىراق ھېچنېمە تاپالمىدى. ئاندىن ئۇ راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. 34 راھىلە ئاتىسىنىڭ بۇتلىرىنى تۆگىگە ئارتىدىغان خۇرجۇنغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۈستىگە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان چېدىرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 35 راھىلە ئاتىسىغا: _ خاپا بولماڭ ئاتا، مەن ئاي كۆرۈپ قالدىم. ئالدىڭىزدا ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالىم يوق، _ دېدى. لاباننىڭ ئاختۇرمىغان يېرى قالمىدى، لېكىن بۇتلىرىنى تاپالمىدى. 36 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ لابانغا قاتتىق خاپا بولۇپ، مۇنداق دېدى: _ سىز مېنىڭ كەينىمدىن مۇشۇ يەرگىچە قوغلاپ كەلگۈدەك، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، قايسى قائىدە-يوسۇنغا خىلاپلىق قىلدىم؟ 37 پۈتۈن يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭىز، زادى بىرەر نەرسىڭىزنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ تاپالىغان بولسىڭىز، قېنى ئۇنى چىقىرىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىڭ، ئارىمىزدىكى بۇ ئىشقا ئۇلار ھۆكۈم چىقارسۇن. 38 مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغان يىگىرمە يىل ئىچىدە قوي، ئۆچكىلىرىڭىزنىڭ بالىسىمۇ چۈشۈپ كەتمىدى، مەن بىرەرسىنى يەپمۇ كەتمىدىم. 39 ھەتتا يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن قويلارنىمۇ سىزگە ئەكېلىپ كۆرسەتمەي، ئۆزۈمنىڭ قويلىرىمدىن سەپلەپ قويدۇم. قويلار مەيلى كېچىسى، مەيلى كۈندۈزى ئوغرىلانغان بولسۇن، ھەممىسىنى ماڭا تۆلەتتىڭىز. 40 مەن ھەمىشە كۈندۈزى ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتسام، كېچىسى سوغۇقنىڭ دەردىدىن تۈزۈك ئوخلىيالمىدىم. 41 يىگىرمە يىلدىن بۇيان سىزگە مانا شۇنداق ئىشلىدىم. ئىككى قىزىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئون تۆت يىل، پادىلار ئۈچۈن ئالتە يىل ئىشلىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭىز! 42 بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاس قىلغان خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ قانداق قىينالغىنىمنى، قانداق جاپا تارتقىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى. ياقۇپنىڭ لابان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى 43 لابان ياقۇپقا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بالىلىرى بولسا مېنىڭ نەۋرىلىرىمدۇر. قويلارمۇ مېنىڭ، كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭدۇر. مەن قىزلىرىم بىلەن نەۋرىلىرىمنى ئېلىپ قالالمىغاندىكىن، 44 سەن بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگىنىم تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. بۇ يەرگە تاش دۆۋىلەيلى، تاش دۆۋىسى كېلىشىمىمىزگە گۇۋاھ بولسۇن. 45-46 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بىر تاشنى ئەكېلىپ، ئۇنى خاتىرە قىلىپ، تىكلەپ قويدى ۋە قېرىنداشلىرىغا: «تاش يىغىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار» دېدى. كېيىن كۆپچىلىك تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا تاماق يېيىشتى. 47 لابان ئۆز تىلىدا بۇ يەرنى جەگار-ساخادۇتا دەپ ئاتىدى. ياقۇپ ئۆز تىلىدا گالېئاد دەپ ئاتىدى. [ھەر ئىككىلى سۆزنىڭ مەنىسى «كېلىشىمگە گۇۋاھ تاش دۆۋىسى»دۇر.] 48 لابان ياقۇپقا: _ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. مانا بۇ، بۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. 49 لابان يەنە: _ بىز بىرگە بولمىغان چاغلاردا پەرۋەردىگار ئۈستىمىزدىن كۆزىتىپ تۇرسۇن، _ دېدى. شۇڭا بۇ جاي مىزپاھ [مەنىسى «كۆزىتىش مۇنارى»] ئاتالدى. 50 لابان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. 51 مانا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا خاتىرە قىلىپ تىكلەنگەن ۋە دۆۋىلەنگەن تاش تۇرۇپتۇ. 52 بۇلار بىزگە گۇۋاھ بولسۇنكى، مەن ھەرگىز بۇلاردىن نېرىسىغا ئۆتۈپ، ساڭا زىيانكەشلىك قىلمايمەن، سەنمۇ بۇلاردىن بېرىسىگە ئۆتۈپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلمايسەن. 53 ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىشقا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاس قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. 54 ئاندىن ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە قېرىنداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردە قوندى. 55 ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti