Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا: _ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.

2 ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ: _ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى.

3 راھىلە ئۇنىڭغا: _ سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىڭ. ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرسۇن، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئانا بولۇپ قالاي، _ دېدى.

4 شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە توقاللىققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى.

5 بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.

6 راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى دان [مەنىسى «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى.

7 بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى.

8 راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.

9 لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا توقاللىققا بەردى.

10 زىلپا ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.

11 لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك!» دېدى ۋە بالىنىڭ ئىسمىنى گاد [مەنىسى «تەلەيلىك»] قويدى.

12 زىلپا ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى.

13 لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.

14 ئورما مەزگىلىدە لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن بۇغدايلىقتىن تۇغماسلىققا شىپا بولىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك تېپىۋېلىپ، ئانىسى لېياھقا بەردى. بۇنى كۆرگەن راھىلە لېياھقا: _ ماڭا ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكتىن بىرئاز بەرگىن، _ دېدى.

15 لېياھ ئۇنىڭغا: _ مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىمۇ تارتىۋېلىپ، مېنى بالا تۇغۇشتىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسەن؟ _ دېدى. راھىلە: _ ئەگەر سەن ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنى ماڭا بەرسەڭ، بۈگۈن كېچە ياقۇپ سەن بىلەن بىللە بولسۇن، _ دېدى.

16 شۇ كۈنى كەچتە ياقۇپ بۇغدايلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، لېياھ ئالدىغا چىقىپ: _ بۈگۈن ئاخشام چوقۇم مەن بىلەن يېتىڭ. چۈنكى ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىڭ بەدىلىگە سىز بىلەن بۈگۈن كېچە بىر ئورۇندا يېتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتىم، _ دېدى. شۇڭا ئۇ كېچە ياقۇپ لېياھ بىلەن بىللە ياتتى.

17 لېياھنىڭ دۇئاسى خۇداغا يەتتى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى.

18 لېياھ: «مەن دېدىكىمنى ئېرىمگە توقاللىققا بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇدا مېنى مۇكاپاتلىدى» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇكاپات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.

19 لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى.

20 ئۇ: «خۇدا ماڭا قىممەتلىك سوۋغات بەردى. ئەمدى ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن [ئىبرانىي تىلىدىكى «سوۋغات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.

21 ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر قىز تۇغدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى.

22 كېيىن خۇدا راھىلەگە مەرھەمەت قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى.

23 ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «خۇدا ماڭا بىر ئوغۇل ئاتا قىلىپ، مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى،

24 پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دەپ، تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەنە بەرسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.


ياقۇپنىڭ بېيىپ كېتىشى

25 راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇپ لابانغا: _ ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتاي.

26 ئايال ۋە بالىلىرىمنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلسىڭىز، ئۇلارغا مەن سىزگە ئىشلەپ بېرىپ، ئىگە بولدۇم. مېنىڭ قانداق تىرىشىپ ئىشلىگىنىم ئۆزىڭىزگە مەلۇم، _ دېدى.

27 لابان ئۇنىڭغا: _ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن.

28 ئېيتقىن، قانچىلىك ئىش ھەققى سورىساڭ، جەزمەن شۇنچىلىك ئىش ھەققى بېرىمەن، _ دېدى.

29 ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مېنىڭ جان تىكىپ ئىشلىشىم بىلەن چارۋا ماللىرىڭىز شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتتى، بۇ ئۆزىڭىزگە ئايان.

30 مەن كېلىشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ قول-ئىلكىڭىزدىكى مال-مۈلۈكلەر شۇنچىلىك ئاز ئىدى، ھازىر بايلىقىڭىز شۇنچىلىك كۆپەيدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىڭىزدا بولغىنىمدىن سىزگە بەخت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن ئۆز ئائىلەمنى ئويلىشىم كېرەك.

31 _ ئەمىسە، ساڭا قانچىلىك ئىش ھەققى بېرەي؟ _ دەپ سورىدى لابان. ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ماڭا ئىش ھەققى كېرەك ئەمەس! ئەگەر تۆۋەندىكى بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، چارۋىلىرىڭىزنى داۋاملىق باقاي.

32 بۈگۈن مەن قوي، ئۆچكىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىكى تاغىل، چىپار ۋە قارا قويلارنى ھەمدە چىپار ۋە تاغىل ئۆچكىلەرنى ئايرىپ چىقاي. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن.

33 ئەگەر سىز كېيىن ماڭا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بەرگەن قوي، ئۆچكىلەرنى تەكشۈرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى بايقىسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلىڭ. سىز بۇنىڭدىن مېنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلىسىز.

34 لابان: _ سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دېدى.

35 بىراق شۇ كۈنى لابان ئەسلى ياقۇپقا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان تاغىل، چىپار تېكىلەرنى، چىپار، تاغىل ۋە ئازراق ئاق ئارىلاشقان ئالا چىشى ئۆچكىلەرنى ھەمدە بارلىق قارا قويلارنى ئاستىرتىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆز ئوغۇللىرىغا باقتۇردى.

36 ئاندىن ئۇ بۇ قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئېلىپ، ياقۇپتىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر جايغا كەتتى. ياقۇپ لاباننىڭ قالغان پادىلىرىنى بېقىپ قالدى.

37 ئۇ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يېڭى شاخلارنى كېسىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى بىر يولىدا قوۋزىقى بار، يەنە بىر يولىدا قوۋزىقى يوق قىلىپ، ئالا-تاغىل سويدى.

38 ئۇ بۇ شاخلارنى ماللار سۇ ئىچىدىغان نورنىڭ ئىچىگە تىك تۇرغۇزۇپ قويدى.

39 ماللار سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، شۇ يەردە جۈپلىشىپ قالاتتى. ماللار شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەنلىكى ئۈچۈن، تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى تۇغاتتى.

40 ياقۇپ يېڭى تۇغۇلغان تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى باشقا قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئايرىپ باقتى. قالغان قوي، ئۆچكىلەرنى لابان ئېلىپ كەتكەن تاغىل ۋە قارا قوي ۋە ئۆچكىلەرگە قارىتىپ جۈپلەشتۈردى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۆز پادىلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە لاباننىڭ پادىلىرىدىن ئايرىپ چىقتى.

41 كۈچلۈك قوي، ئۆچكىلەر جۈپلەشسە، ياقۇپ شاخلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نورنىڭ ئىچىگە تىك تۇرغۇزۇپ قوياتتى. ماللار شۇ شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلىشەتتى.

42 لېكىن تېنى ئاجىز ماللار جۈپلەشسە، ئۇنداق قىلمايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاجىز ماللار لابانغا قېلىپ، كۈچلۈك ماللار ياقۇپنىڭ بولدى.

43 شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan