Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ياقۇپنىڭ لاباننىڭ ئۆيىگە بېرىشى

1 ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى.

2 ئۇ دالادىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوينىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. قويچىلار قويلىرىنى شۇ قۇدۇقتىن سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزى يوغان بىر تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلغانىدى.

3 قويلارنىڭ ھەممىسى يېتىپ كەلگەندە، قويچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، قويلىرىنى سۇغىرىۋېلىپ، ئاندىن يەنە شۇ تاش بىلەن قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قوياتتى.

4 ياقۇپ بۇ قويچىلاردىن: _ بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ _ دەپ سورىدى. _ بىز ھارانلىق، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.

5 _ سىلەر ناخورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ _ دېدى ئۇ. _ تونۇيمىز! _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

6 ياقۇپ يەنە: _ ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ ئۇ ناھايىتى ياخشى. ئەنە قاراڭ! ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

7 ياقۇپ ئۇلارغا: _ ۋاقىت تېخى بالدۇرغۇ، قويلارنى نېمىشقا بۇ يەرگە يىغىۋالدىڭلار؟ ئۇلارنى تېزرەك سۇغىرىپ، ئاندىن ئوتلاققا ئاپىرىپ باقساڭلار بولمامدۇ؟ _ دېدى.

8 ئۇلار: _ بولمايدۇ، ھەممە قويچىلار قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋەتمىگۈچە، قويلىرىمىزنى سۇغىرالمايمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

9 ياقۇپنىڭ قويچىلار بىلەن پارىڭى تېخى تۈگىمەيلا، راھىلە قويلىرىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى.

10 ياقۇپ راھىلە بىلەن تاغىسى لاباننىڭ قوي پادىسىنى كۆرۈپلا، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى.

11-12 ئاندىن ئۇ راھىلەنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ، ھاياجان بىلەن يىغلاپ كەتتى ۋە راھىلەگە: _ مەن سىزنىڭ ئاتىڭىزنىڭ جىيەنى بولىمەن، يەنى ئاتىڭىزنىڭ سىڭلىسى رىبەقانىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى. راھىلە يۈگۈرگەن پېتى قايتىپ بېرىپ، ئاتىسىغا ئېيتتى.

13 لابان جىيەنى ياقۇپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.

14 _ سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ جانجىگەر تۇغقىنىم! _ دېدى لابان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇردى.


ياقۇپنىڭ لېياھ ۋە راھىلەنى ئەمرىگە ئېلىشى

15 بىر كۈنى لابان ياقۇپقا: _ سەن مېنىڭ جىيەنىم بولساڭمۇ، ماڭا بىكارغا ئىشلەپ بەرسەڭ بولماس. قانچىلىك ئىش ھەققى تەلەپ قىلىسەن، ئېيتقىن، _ دېدى.

16 لاباننىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئىسمى راھىلە ئىدى.

17 لېياھنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق ئىدى، لېكىن راھىلە ھەممە جەھەتتە گۈزەل ۋە كېلىشكەن قىز ئىدى.

18 ياقۇپ راھىلەگە ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ مەن سىزگە يەتتە يىل ئىشلەپ بەرسەم، سىز راھىلەنى ئەمرىمگە ئېلىشىمغا قوشۇلامسىز، _ دېدى.

19 لابان ئۇنىڭغا: _ ئۇنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلغىنىمدىن ساڭا ياتلىق قىلغىنىم ياخشى! سەن يېنىمدا قالغىن، _ دېدى.

20 ياقۇپ راھىلەنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. چۈنكى ئۇ راھىلەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.

21 يەتتە يىل توشقاندا، ياقۇپ لابانغا: _ بىز كېلىشكەن ۋاقىت توشتى، قىزىڭىزنى ئەمرىمگە ئېلىشىمغا قوشۇلغايسىز! _ دېدى.

22 شۇنىڭ بىلەن لابان توي زىياپىتى تەييارلاپ، شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى تەكلىپ قىلدى.

23 لېكىن توي كېچىسى لابان راھىلەنىڭ ئورنىغا لېياھنى بەردى. ياقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى.

24 لابان دېدەكلىرىدىن زىلپانى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەردى.

25 پەقەت تاڭ ئاتقاندىلا، ياقۇپ ئايالىنىڭ لېياھ ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ لابانغا: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن راھىلەنى دەپ، سىزگە يەتتە يىل ئىشلىدىم. مېنى نېمىشقا ئالدىدىڭىز؟ _ دېدى.

26 لابان ئۇنىڭغا: _ بۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە چوڭ قىزى ياتلىق قىلىنمىغۇچە، كىچىك قىزى ياتلىق قىلىنمايدۇ.

27 لېياھ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، راھىلەنىمۇ نىكاھىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ كېرەك! _ دېدى.

28 ياقۇپ ماقۇل بولدى. لېياھ بىلەن بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، لابان راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى.

29 لابان دېدەكلىرىدىن بىلھاھنى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى.

30 ياقۇپ راھىلە بىلەنمۇ بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ راھىلەنى لېياھتىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ لابانغا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بەردى.


ياقۇپنىڭ پەرزەنتلىرى

31 پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ لېياھنى بەكمۇ ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، لېياھنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى، لېكىن راھىلە يەنىلا بالا تۇغمىدى.

32 لېياھ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار مېنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپتۇ، ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى رۇبېن [مەنىسى «بالا كۆردۈم» ۋە ئىبرانىي تىلىدىكى «بەختسىزلىكىمنى كۆردى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.

33 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئوغۇلنىمۇ بەردى، چۈنكى مېنىڭ ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىم ئۇنىڭغا يېتىپتۇ» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى شىمون [مەنىسى «ئۇ ئاڭلىدى»] دەپ قويدى.

34 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى ئېرىم ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى لاۋىي [ئىبرانىي تىلىدىكى «يېقىنلىشىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.

35 ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، تۆتىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇي» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا [ئىبرانىي تىلىدىكى «مەدھىيە» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇغمىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan