Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ياقۇپنىڭ ئىسھاقنى ئالدىشى

1 ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، _ دېدى. _ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.

2 ئىسھاق مۇنداق دېدى: _ قارا، مەن قېرىپ كەتتىم، يەنە قانچە ئۇزۇن ياشىشىمنى بىلمەيمەن.

3 سەن ئوقيايىڭنى ئېلىپ، دالاغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ،

4 مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي.

5 رىبەقا ئىسھاقنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەساۋنىڭ ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،

6 ئوغلى ياقۇپقا مۇنداق دېدى: _ مەن بايا ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا:

7 «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

8 ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، دېگىنىمنى قىلغىن.

9 قوي پادىسىغا بېرىپ، سېمىز ئوغلاقتىن ئىككىنى ئېلىپ كەلگىن. مەن ئۇنى ئاتاڭ ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇراي.

10 سەن ئۇنى ئېلىپ كىرىپ ئاتاڭغا يېگۈزسەڭ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى دۇئاسىنى ساڭا قىلىپ، خەيرلىك تىلەيدۇ، _ دېدى.

11 لېكىن ياقۇپ ئانىسىغا: _ سىزگە مەلۇم، ئەساۋنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك، مېنىڭ تېنىم تۈكسىز.

12 مۇبادا ئاتام تېنىمنى تۇتۇپ قالسا، مېنىڭ ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قارغىشىغا ئۇچرايمەن! _ دېدى.

13 ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.

14 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئانىسىغا ئەكېلىپ بەردى. ئانىسى رىبەقا تاماقنى ئاتىسى ئىسھاق ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇردى.

15 ئاندىن ئەساۋنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ياقۇپقا كىيدۈردى

16 ۋە ئۇنىڭ ئىككى قولى ۋە بوينى قاتارلىق تۈكسىز جايلىرىنى ئوغلاقنىڭ تېرىسى بىلەن يۆگىدى.

17 ئاندىن لەززەتلىك تاماق بىلەن ناننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى.

18 ياقۇپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ: _ ئاتا، _ دېدى. _ ئوغلۇم، سەن قايسى ئوغلۇم بولىسەن؟ _ دېدى ئاتىسى.

19 ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ. تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇنداپ بولدۇم. قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن ماڭا دۇئايىڭىزنى قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.

20 _ ئوغلۇم، نېمانچە تېز ئوۋلاپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق. _ پەرۋەردىگارىڭىز بولغان خۇدا تەلىيىمنى ئوڭ قىلىپ، ماڭا ياردەم قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ.

21 ئىسھاق ياقۇپقا: _ ئوغلۇم، يېنىمغا كەل، تۇتۇپ كۆرەي، سەن راست ئەساۋمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

22 ياقۇپ يېنىغا باردى. ئىسھاق تۇتۇپ كۆرۈپ: _ ئاۋازىڭ ياقۇپقا، قولۇڭ ئەساۋنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى.

23 ئىسھاق ئۇنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى. چۈنكى ياقۇپنىڭ قولى ئەساۋنىڭكىگە ئوخشاش تۈكلۈك ئىدى. ئۇ ياقۇپقا دۇئا قىلىدىغان چاغدا،

24 يەنە بىر قېتىم: _ سەن راست ئەساۋمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ.

25 ئىسھاق ئۇنىڭغا: _ گۆشنى ئەكەل، ئۇنى يېگەندىن كېيىن ساڭا دۇئا قىلاي، _ دېدى. ياقۇپ گۆشنى ئەكەلدى ۋە ئۇنىڭغا شاراب تۇتتى.

26 ئىسھاق يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن: _ ئوغلۇم، ئالدىمغا كېلىپ، مېنى سۆيگىن، _ دېدى.

27 ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ ئاتىسىنى سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيىمىدىكى پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىدى: «ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق دەل پەرۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.

28 خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ، تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي. ئۇ ساڭا مول ئاشلىق، شارابلارنى ئاتا قىلغاي.

29 باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»


ئەساۋنىڭ ئىسھاقتىن دۇئا تەلەپ قىلىشى

30 ياقۇپ ئىسھاقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ چىقىپ تۇرۇشىغىلا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى.

31 ئەساۋمۇ گۆشنى لەززەتلىك پىشۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ: _ ئاتا، قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىڭ، ئاندىن ماڭا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.

32 _ سەن كىم بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق. _ چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.

33 ئىسھاقنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىترەك باستى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى: _ ئۇنداقتا، ھازىر ماڭا ئوۋ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنى يەپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدىم. بۇ بەخت مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدى.

34 بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەساۋ ئىنتايىن ئازابلىنىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ: _ ئاتا، ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز! _ دېدى.

35 _ ئىنىڭ كىرىپ مېنى ئالداپ، سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرۇپتۇ، _ دېدى ئىسھاق.

36 ئەساۋ: _ بۇ ئۇنىڭ مېنى ئىككىنچى قېتىم ئالدىشى. ئۇنىڭ ياقۇپ دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن! ئۇ مېنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇمنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى ماڭا مەنسۇپ بولغان دۇئانىمۇ تارتىۋاپتۇ. ئاتا، مەن ئۈچۈن دۇئايىڭىز قالمىدىمۇ؟ _ دېدى.

37 ئىسھاق مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن ئۇنى ساڭا خوجايىن قىلدىم. ئۇنىڭ پۈتۈن قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان قىلدىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئاشلىق ۋە شارابلارنى بېغىشلىدىم. ئەي ئوغلۇم، ئەمدى مەن ساڭا يەنە نېمىنى بېرىمەن؟

38 ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە يالۋۇردى: _ ئاتا، سىز پەقەت ياقۇپقىلا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلەمسىز؟ ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز!

39 ئاندىن ئىسھاق مۇنداق دېدى: «مۇنبەت تۇپراقتىن نېسىۋەڭ يوقتۇر. ساڭا ئاسماندىن شەبنەم چۈشمەيدۇ.

40 سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن. لېكىن سەن ئۇنىڭغا قارشى چىقساڭ، ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايسەن.»

41 ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.

42 رىبەقا باشقىلاردىن ئەساۋنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ياقۇپنى چاقىرتىپ: _ گېپىمگە قۇلاق سالغىن، ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈپ، دەردىنى چىقارماقچى.

43 ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن.

44 ئاكاڭ ئەساۋنىڭ ئاچچىقى يانغۇچە، شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن.

45 ئۇ سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ، ئاچچىقى يانغاندا، مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈننىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىڭلاردىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن، _ دېدى.


ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىغا كېتىشى

46 رىبەقا ئىسھاققا: _ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan