ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى 1 ئىبراھىم قىتۇرا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى توقاللىققا ئالدى. 2 ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاختىن ئىبارەت ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 3 يوقشان شىبا بىلەن دىداننىڭ ئاتىسى ئىدى. ئاشۇرلار، لىتۇشلار ۋە لىئۇملار دىداننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 4 مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 5 ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى. 6 لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ۋە دەپنە قىلىنىشى 7-8 ئىبراھىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 175 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 9 ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى مامرەگە يېقىن بولغان ماكپېلادىكى ئېتىزلىقنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر بۇرۇن خىتلاردىن بولغان زوخارنىڭ ئوغلىغا تەۋە ئىدى. 10 ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. 11 ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بەئەر-لاخايروئى دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى. ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى 12 سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى. 13 تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە نىبايوت، قېدار، ئادبىئېل، مىبسام، 14 مىشما، دۇماھ، ماسا، 15 خاداد، تەما، يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ ئىدى. 16 ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار ياشىغان يېزا ۋە قىشلاقلارنىڭ ناملىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى. 17 ئىسمائىل 137 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 18 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي خاۋىلا رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى. ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ دۇنياغا كېلىشى 19 تۆۋەندىكىلەر ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. 20 ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار پاددان-ئاررامدىكى ئارران دېگەن جايدا ياشايتتى. 21 رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. 22 بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى. رىبەقا: «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى. 23 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.» 24 رىبەقانىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، قوشكېزەك بالا تۇغدى. 25 ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى. 26 كېيىن تۇغۇلغىنى تۇغۇلغاندا، ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھالەتتە تۇغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق 60 ياشقا كىرگەنىدى. ئەساۋنىڭ مىراس ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشى 27 ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ئىنىسى ياقۇپ ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان جىمغۇر ئادەم ئىدى. 28 ئىسھاق ئەساۋنى ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ ئەساۋ ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئامراق ئىدى. رىبەقا ياقۇپنى ياخشى كۆرەتتى. 29 بىر كۈنى ياقۇپ قىزىل ماش شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى. ئوۋدىن ئېچىرقاپ قايتىپ كەلگەن ئەساۋ 30 ياقۇپقا: _ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قاينىتىۋاتقان ئاۋۇ قىزىل ماش شورپاڭدىن ئىچكىلى قويساڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى. 31 ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسەڭ، ساڭا بۇ شورپىدىن بېرەي، _ دېدى. 32 _ بولىدۇ، بولىدۇ! قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم. تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ _ دېدى ئەساۋ. 33 ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىڭگە قەسەم قىل، _ دېدى. ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى. 34 شۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن ماش شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti