ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىبراھىمنىڭ سارەنى دەپنە قىلىشى 1 سارە 127 ياش ئۆمۈر كۆردى. 2 ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى. 3 ئىبراھىم ئايالىنىڭ مېيىتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، خىتلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارغا: 4 _ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرسەڭلار، _ دېدى. 5-6 ئۇلار ئىبراھىمغا: _ جانابلىرى، قۇلاق سالسىلا! سىلى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم، ئاياللىرىنى ئەڭ ياخشى يەرلىكلىرىمىزدىن بىرىگە دەپنە قىلغايلا. ھېچقايسىمىز سىلىدىن قەبرىلىك يەر ئايىمايمىز، _ دېدى. 7 ئىبراھىم ئۇلارغا تەزىم قىلىپ: 8 _ ئەگەر سىلەر ئايالىمنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىشىمغا رازى بولساڭلار، زوخارنىڭ ئوغلى ئەفروندىن 9 ماكپېلا دېگەن يەردىكى ئۆڭكۈرىنى ماڭا سېتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلساڭلار. ئۇ ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ چېتىدە. ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆڭكۈرگە باھا قويۇپ بەرسە، ئۇ ئۆڭكۈرنى سېتىۋېلىپ ئائىلەمگە قەبرىستانلىق قىلاي دەيمەن، _ دېدى. 10 شۇ چاغدا ئەفرون باشقا خىتلار بىلەن بىرگە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا: 11 _ جانابلىرى، قۇلاق سالغايلا، مەن ئېتىزىمنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ سىلىگە بېرەي. كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇنى سىلىگە سوۋغا قىلاي. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغايلا، _ دېدى. 12 لېكىن ئىبراھىم ئولتۇرغان ھەممە خىتلارغا تەزىم قىلىپ، 13 ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، ئەفرونغا: _ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇلۇمنى قوبۇل قىلىپ، ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى. 14 ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ: 15 _ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران 400 كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. بۇ سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا قانچىلىك بىر ئىش ئىدى. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى. 16 ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 400 كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەردى. 17 شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان ماكپېلادىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىز، ئۆڭكۈر ۋە ئېتىز قىرىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 18 شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. 19 شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى كەنئاننىڭ ماكپېلا دېگەن يېرىدىكى ئاشۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. 20 خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلانغانىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti