ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىخۇدانىڭ ئىبراھىمنى سىنىشى 1 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ: _ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: _ لەببەي! _ دېدى. 2 خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بارغىن. مەن ئۇ يەردە ساڭا بىر تاغنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ تاغنىڭ ئۈستىدە ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، _ دېدى. 3 ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم ئېشىكىنى تەييارلاپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. 4 ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى. 5 ئۇ چاكارلىرىغا: _ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى. 6 ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، بىرلىكتە ئالدىغا قاراپ، يۈرۈپ كەتتى. 7 ئىسھاق: _ ئاتا، _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: _ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى. _ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلان قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق. 8 ئىبراھىم ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلاننى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى. 9 ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇنلارنى دۆۋىلەپ، ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ياتقۇزدى. 10 ئاندىن ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11 بىراق پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن: _ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ ۋارقىرىدى. _ لەببەي! _ دېدى ئۇ. 12 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى. 13 ئىبراھىم ئارقىسىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 14 شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. 15 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا: 16 _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 17 ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ. 18 سەن مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ»، _ دېدى. 19 ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە بەئەرشەباغا قايتتى. ئىبراھىم داۋاملىق شۇ يەردە ياشاپ قالدى. ناخورنىڭ ئەۋلادلىرى 20 بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىبراھىم ئىنىسى ناخورنىڭ ئايالى مىلكاھنىڭ سەككىز ئوغۇل تۇغقانلىقىنى ئاڭلىدى. 21 تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئىككىنچى ئوغلى بۇز، ئۈچىنچى ئوغلى كىمۇئېل (ئارراملارنىڭ ئەجدادى بولدى)، 22 قالغانلىرى كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئېل ئىدى. 23 بېتۇئېل كېيىن رىبەقانىڭ ئاتىسى بولدى. يۇقىرىدىكىلەر مىلكاھ ناخورغا، يەنى ئىبراھىمنىڭ ئىنىسىغا تۇغۇپ بەرگەن سەككىز ئوغۇل ئىدى. 24 ناخورنىڭ توقىلى رىئۇمامۇ تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار تەباخ، گاخام، تاخاش ۋە مائاكا ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti