ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ يامانلىقى 1 شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ: 2 _ ھەزرەتلىرىم، بىزنىڭ ئۆيگە مەرھەمەت قىلىپ، داستىخىنىمغا داخىل بولغايلا. پۇت-قوللىرىنى يۇيۇپ، بىرەر كېچە ھاردۇق ئېلىپ، ئەتە سەھەردە يوللىرىغا راۋان بولۇشقايلا، _ دېدى. لېكىن ئۇلار: _ ياق، بىز كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 3 لېكىن لۇت بەك چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇشنى ۋە ئۇنى تاماقلار بىلەن بىرگە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇلار غىزالاندى. 4 مېھمانلار تېخى ياتمىغانىدى، سودومدىكى پۈتۈن قېرى-ياش ئەرلەر كېلىپ لۇتنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى. 5 ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ بۈگۈن كەچتە سىلەرنىڭ ئۆيگە چۈشكەن كىشىلەر قېنى؟ ئۇلارنى ئېلىپ چىق! بىز ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچىمىز، _ دېدى. 6 لۇت سىرتقا چىقىپ، ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ، 7 ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلماڭلار! 8 قاراڭلار، مېنىڭ تېخى ئەرگە تەگمىگەن ئىككى قىزىم بار. ئۇلارنى سىلەرگە ئېلىپ چىقىپ بېرەي، ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، لېكىن بۇ ئىككى كىشىگە ھەرگىز تەگمەڭلار. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن مېھماندۇر. شۇڭا مەن ئۇلارنى قوغدايمەن! _ دېدى. 9 لېكىن ئۇلار: _ يوقال! سەن تېخى ياقا يۇرتتىن كېلىپ، بىزگە ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېگۈدەك قانچىلىك ئادەم ئىدىڭ؟ كۆزىمىزدىن يوقال! بولمىسا، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن، _ دېيىشتى ۋە لۇتنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئىشىكنى بۇزۇپ، ئۆيگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولۇشتى. 10 لېكىن ھېلىقى ئىككى پەرىشتە قوللىرىنى سوزۇپ، لۇتنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. 11 ئاندىن تاشقىرىدىكى قېرى-ياش ھەممە ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىشىكنى تاپالمىدى. لۇتنىڭ سودومدىن قېچىشى 12 ئاندىن ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتقا: _ سېنىڭ بۇ شەھەردە باشقا تۇغقانلىرىڭ بارمۇ؟ ئوغۇل-قىزلىرىڭ، كۈيئوغۇللىرىڭ ياكى باشقا تۇغقانلىرىڭ بولسا، ئۇلار بۇ شەھەردىن دەرھال چىقىپ كەتسۇن. 13 بىز بۇ شەھەرنى خاراب قىلىمىز. چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئاھۇزارى پەرۋەردىگارغا يەتتى. شۇڭا ئۇ بىزنى بۇ شەھەرنى خاراب قىلىشقا ئەۋەتتى، _ دېدى. 14 شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. 15 تاڭ ئاتقاندا پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ: _ ئايالىڭ بىلەن ئىككى قىزىڭنى ئېلىپ، بۇ شەھەردىن دەرھال چىقىپ كەت! بولمىسا، سىلەرمۇ بۇ شەھەر بىلەن بىرگە ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى. 16 لېكىن لۇت يەنىلا ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا رەھىمى كەلدى، شۇڭا ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتنى، ئايالىنى ۋە ئىككى قىزىنى يېتىلەپ، شەھەردىن چىقىرىپ قويدى. 17 ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى. 18 لېكىن لۇت: _ ھەزرەتلىرىم، ئۇنداق قىلىشمىغايلا! 19 سىلى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. لېكىن ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن، بەلكىم مەن ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، مېنى پالاكەت بېسىپ، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. 20 ئاۋۇ شەھەرنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ شەھەر كىچىك بولسىمۇ، بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىكەن. شۇ يەرگە قېچىپ بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەن بولسىلا، شۇ يەردە جېنىمنى ساقلاپ قالاي! _ دېدى. 21 پەرىشتە مۇنداق دېدى: _ ماقۇل، ساڭا رۇخسەت قىلدىم. ئۇ كىچىك شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرماي. 22 تېز قاچقىن، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلمايمەن! بۇ شەھەر شۇنىڭدىن كېيىن زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتالدى. سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى 23 لۇت زوئارغا يېتىپ بارغۇچە كۈن چىقتى. 24 پەرۋەردىگار تۇيۇقسىز ئاسماندىن ئوت ۋە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ، سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى، 25 يەنى بۇ ئىككى شەھەرنى، شەھەردىكى ئاھالىلەرنى، تۈزلەڭلىكنى ۋە تۈزلەڭلىكتىكى پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنى خاراب قىلدى. 26 شۇ چاغدا لۇتنىڭ ئايالى كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، ئۇ شۇ تۇرقىدا قېتىپ، تاشتۇزغا ئايلىنىپ قالدى. 27 ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەن يەرگە باردى. 28 ئۇ سودوم، گومورا ۋە پۈتۈن تۈزلەڭلىككە قارىۋىدى، ئۇ يەرلەردىن تۈتۈن كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ مەنزىرە خۇمداندىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. 29 بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى. لۇت ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى 30 لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورقتى. شۇڭا ئۇ ئىككى قىزىنى ئېلىپ، تاغقا چىقىپ، ئۆڭكۈردە ياشايدىغان بولدى. 31 بىر كۈنى چوڭ قىزى سىڭلىسىغا: _ ئاتىمىز ياشىنىپ قالدى. بۇ يەردە قائىدە-يوسۇن بويىچە بىزنى نىكاھىغا ئېلىپ، پەرزەنت تاپىدىغان ئەرمۇ قالمىدى. 32 ئاتىمىزنى مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، ئۇنىڭدىن پەرزەنت كۆرەيلى. شۇنداق قىلساق، ئەۋلاد قالدۇرالايمىز، _ دېدى. 33 ئۇ كۈنى كېچىسى ئۇلار ئاتىسىنى مەست قىلىپ قويۇپ، چوڭ قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. لۇت قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەن بولۇپ، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. 34 ئەتىسى چوڭ قىزى سىڭلىسىغا: _ تۈنۈگۈن مەن ئاتام بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. بۈگۈن ئاخشام ئۇنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقىن. شۇنداق قىلساق، ھەر ئىككىمىز ئاتىمىزدىن پەرزەنت كۆرۈپ، نەسلىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز، _ دېدى. 35 شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار لۇتنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، كىچىك قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ يەنە قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەچكە، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدى. 36 شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ بۇ ئىككى قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولدى. 37 چوڭ قىزى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى موئاب [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئاتىدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ كېيىن موئابلارنىڭ ئەجدادى بولدى. 38 كىچىك قىزىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى بەنئاممى [مەنىسى «خەلقىمنىڭ ئوغلى»] دەپ قويدى. ئۇ كېيىن ئاممونلارنىڭ ئەجدادى بولدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti