Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىبرام بىلەن لۇتنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى

1 ئىبرام ئايالى ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە باردى. لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى.

2 ئىبرام باي بولۇپ، نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى بار بولدى.

3 كېيىن ئۇ نەگېب چۆللۈكىدىن ئايرىلىپ، ئاستا-ئاستا شىمالغا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە قايتا باردى. ئۇ بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا، يەنى تۇنجى قېتىم ئورۇنلىشىپ،

4 قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان يەرگە قايتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

5 ئىبرام بىلەن بىرگە ماڭغان لۇتنىڭمۇ چارۋا ماللىرى ۋە قۇللىرى كۆپ ئىدى.

6 بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ چارۋا ماللىرى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوتلاقلار يېتىشمەي،

7 ئۇلارنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىشقا باشلىدى. (بۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا شۇ يەرلەردە ياشايتتى.)

8 شۇڭا ئىبرام لۇتقا: _ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن.

9 ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، _ دېدى.

10 لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)

11 شۇڭا لۇت ئۇ يەرنى تاللاپ، شەرق تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۇ ئىككىيلەن مانا شۇنداق ئايرىلدى.

12 ئىبرام كەنئاندا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. لۇت ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەرلەرگە يېقىنلىشىپ، سودوم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چېدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى.

13 سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.


ئىبرامنىڭ ھىبرونغا كۆچۈشى

14 لۇت ئىبرامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا: _ سەن تۇرغان جايىڭدىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ باققىن.

15 سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىنلارنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. بۇ زېمىن مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۇپتۇر.

16 مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ.

17 ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىننى كېزىپ چىققىن، مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن! _ دېدى.

18 شۇنىڭ بىلەن ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan