Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدانىڭ ئىبراھىمنى تاللىشى

1 پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتلىرىڭدىن ئايرىلىپ، يۇرتۇڭدىن چىقىپ كەتكىن. مەن ساڭا بىر يەرنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ يەرگە بارغىن.

2 «مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.

3 ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن، ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ئوقۇيمەن. سەن ئارقىلىق ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»

4 شۇڭا ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن 75 يېشىدا خاران شەھىرىدىن يولغا چىقتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىقتى.

5 ئىبرام ئايالى ساراھ، جىيەنى لۇت ۋە ئۆزلىرى خاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن

6 سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشايتتى.

7 پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.

8 كېيىن ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

9 كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكەلدى.


ئىبرامنىڭ مىسىرغا بېرىشى

10 كەنئاندا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىبرام مىسىرغا بېرىپ، ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرماقچى بولدى، چۈنكى ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.

11 ئۇلار مىسىرغا كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئىبرام ئايالى ساراھقا: _ سەن بىر گۈزەل ئايال،

12 مىسىرلىقلار سېنىڭ مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى بىلسە، سېنى ھايات قالدۇرۇپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

13 شۇڭا سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى مېنىڭ سىڭلىم دېگىن. شۇنداق دېسەڭ، ئۇلار سېنى دەپ، مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولمايدۇ، ئەكسىچە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، _ دېدى.

14 ئىبرام مىسىرغا كىرگەن ۋاقتىدا، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

15 ئوردىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدار ساراھنى كۆرۈپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ تەرىپىنى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ساراھ ئوردىغا ئېلىپ كىرىلدى.

16 پىرئەۋن ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە، قۇل ۋە دېدەكلەرنى سوۋغا قىلدى.

17 لېكىن پىرئەۋن ساراھنى ئوردىسىدا ئېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە ئاپەت ياغدۇردى. ئۇلار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى.

18 كېسەلنىڭ سەۋەبىنى سەزگەن پىرئەۋن ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېمەيسەن؟

19 نېمىشقا ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ سېنىڭ ئۇنى سىڭلىم دېگىنىڭنى ئاڭلاپ، مەن ئۇنى ئەمرىمگە ئالماقچى بولغانىدىم. ئايالىڭ مانا، ئۇنى ئېلىپ كەت! _ دېدى.

20 شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ئىبرامنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشكە ئەمر قىلدى. ئۇلار ئىبرامنى، ئايالىنى، ئادەملىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان بارلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ، چېگرادىن چىقىرىۋەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan